يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلانماقتا
باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشتىن مەقسەت، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان خىلمۇ-خىل كۈچلۈك بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك دولقۇنلاردا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، داۋاملاشما كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قەدىمىنىڭ ئاستىلاپ قالماسلىقى، ھەتتا توختاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش دەپ كۆرسەتتى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش قەدىمى سىجىل تېزلىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش جان تومۇرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.
يېقىندا نىڭبو جۇشەن پورتىدا ئافرىقىغا بارىدىغان يەنە ئىككى دېڭىز قاتناش لىنىيەسى يېڭىدىن ئېچىلدى، نۆۋەتتە دېڭىز قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى 306 گە يەتتى. ھازىر، ھەر كۈنى 300 قېتىمغا يېقىن يۈك پاراخوتى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، بۇ جاينى يەر شارىدىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن زىچ تۇتاشتۇردى، 27 دېڭىز-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى دۇنيا دېڭىز قاتناش لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.
2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان نىڭبو جۇشەن پورتىغا باردى. ئۇ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي پىرىستان نەق مەيدانىدىكى يۈك ساندۇقى مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، پورت ئۇل خاراكتېرلىك، تۈگۈن خاراكتېرلىك ئەسلىھە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى، نىڭبو جۇشەن پورتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلۈك پورت بەرپا قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 7ـ قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش «14-بەش يىل»لىق پىلان تەكلىپىگە كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئالدىنقى تەدبىرى قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يول تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش چۆرىدىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلىپ، تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ۋە ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈم، كۆز قاراش ۋە مەنپەئەت بويۇنتۇرۇقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ توسالغۇسىز، راۋان بولۇشىدا.
ئېلىمىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياج ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تەمىناتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجنى يارىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىش كۆلىمى ئاشۇرۇلۇپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشنى قوللاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى كۈچەپ يولغا قويۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.
ئىستېمال بازىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. 4-ئايدا، جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى %50.5 كە يېتىپ، داۋاملىق كېڭىيىش دائىرىسىدە يۈرۈشتى. مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يېڭىچە ئىستېمال داۋاملىق مەيدانغا كەلدى. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئۇرغۇتقان غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش داۋاملىق كېڭەيدى. نۆۋەتتە، 14-بەش يىللىق پىلاندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 102 تۈرلۈك زور قۇرۇلۇشنىڭ %98 دە قۇرۇلۇش باشلاندى ياكى پۈتتى. 2024-يىلى 700 مىليارد يۈەنلىك ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم بىلەن مەدەت بېرىلگەن تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىش باشلاندى، 2025-يىلى تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەنلىك تۈر تىزىملىكى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى. ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم بىلەن مەدەت بېرىلگەن «ئىككى مۇھىم» تۈر ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىنىڭ تەخمىنەن 2 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.
توسۇق نۇقتىلار تۈگىتىلىپ، توسالغۇلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش تومۇرى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70 كە يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندى.
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇردى. خاڭجۇدا ئالتە كارخانىنىڭ داڭقى چىقتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ مودېل كارامىتىنى كۆرسەتتى، ئېلىمىز توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھىرىدە، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە كونا پولات زاۋۇتىنىڭ ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، خۇددى جۇۋاۋا جىلتىسى ئاچقاندەك، يەر شارىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ كەڭ پولات نامايان بولدى. ۋۇخەننىڭ گۇاڭگۇ جىلغىسىدا، تەجرىبىخانا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، «بىر دەستە نۇر» فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىنىڭ 600 مىليارد يۈەنلىك كۆلەمدىكى كەسىپ توپىنى بارلىققا كەلتۈردى. خېفېي يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى «سۈنئىي ھەمراھ ياساش-سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تىجارىتى-سانلىق مەلۇمات قوللىنىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ 80 ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا تارقىلىپ، بارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى قاپلىدى، مۇستەقىل كونترول قىلغىلى بولىدىغان، بىخەتەر-ئىشەنچلىك، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.
ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يەر شارى ئامىل بايلىقىغا بولغان كۈچلۈك جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 7574 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش سىنىقى كېڭەيتىلىپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈرلىرى يەنىمۇ قىسقارتىلدى. جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
بۇ يىل-14-بەش يىللىق پىلان ئاخىرلىشىدىغان، 15-بەش يىللىق پىلان پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، تاشقى مۇھىتتىكى تۈرلۈك ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، جۇڭگو «كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان» بولۇشتىن ئىبارەت سالماقلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلماقتا. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، جۇڭگو جەزمەن ئۆزىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئارقىلىق، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار