دۈەنۋۇ بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى رايون ھالقىپ ساياھەت قىلغانلار بۇلتۇرقىدىن %10.2 ئاشتى
مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى 229 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلى دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكىدىن %10.2 ئاشقان. قاتناش تارماقلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولىدا 3 مىليون 860 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. جۇڭگو تۆمۈر يول گۇرۇھى شاڭخەي ئىدارىسى پويىزنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋۇخەن، نەنچاڭ، شىئەن، لوياڭ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان 152 يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، 430 ئوق پويىزنى ئىشقا سالدى، ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىدىن 63نى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى. جۇڭگو تۆمۈر يولى شاڭخەي ئىدارىسى خۈەينەن غەربىي ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىسى پۇ جىڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى پەللە لىنىيەسىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەزگىل ۋە قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەرگە بولغان تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋوگزال يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىپ، ھەر ۋاقىت يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن پويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ۋە يۈرۈش پىلانىنى ۋاقتىدا تەڭشىدۇق.
خۇاڭشەن شىمالىي ۋوگزالى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى تەسىس قىلىپ، ئالمىشىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى ھەمدە قىيىنچىلىقى بار يولۇچىلارغا «نۇقتىلىق يولۇچىلار» مېھرى-شەپقەت مۇلازىمىتى قىلدى. جۇڭگو تۆمۈر يول گۇرۇھى شاڭخەي ئىدارىسى خۇاڭشەن شىمالىي ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: بىز ھەپتە ئاخىرى لىنىيىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يۇقىرى پەللە لىنىيىسى ۋە ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 14 نى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى جياڭشىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. G70 فۇجۇ-يىنچۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ فۇجۇ بۆلىكىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى ئىش ئورنىغا چىقىپ، چارلاش سالمىقىنى زورايتىپ، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. جياڭشى ئۆلكىلىك گوڭئەن نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى 6-تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى چىن جياجيا مۇنداق دېدى: بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىنى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ساقچى كۈچلىرىنى پۈتۈن كۈن ئورۇنلاشتۇردۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يول باشلاش سۇپىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ۋاقىتتا ئالدىن سىگنال بېرىش + ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا چارلاپ يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يول يۈرۈش ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.
6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىز بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، چىلى، پېرۇ، ئۇرۇگۋايدىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار كىشىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، مۆلچەرلىنىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودۇرۇمىدا چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. بەييۈن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 10ـ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: چېگرادىن كىرىشنىڭ يۇقىرى پەللە ۋاقتى تەخمىنەن 6-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى بولىدۇ، بىز ئۇدۇللۇق راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئېغىزىدىكى ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن سىستېما ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تىللار ۋە شىۋىلەر ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، چېگرا ئېغىزىدىكى ئەقلىي مەسھلىھەت ياردەمچىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ۋە تەسىراتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈردۇق.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا