ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

5-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ھاسىلاتى كېڭىيىشنى ساقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-01 10:49

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 5-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى تېزلىشىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ھاسىلاتى كېڭەيدى.
5-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %49.5 بولۇپ، گۈللىنىش سەۋىيەسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ياخشىلانغان. جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈخاڭ مۇنداق دېدى: ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈرۈشۈپ، يېڭى قۇۋۋەت بىر قەدەر ياخشى ئاشتى. تەكشۈرۈشتە ئامېرىكىغا چېتىشلىق بىر قىسىم كارخانىلار تاشقى سودا زاكىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە قايتا يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. 5-ئايدا يېڭى ئېكىسپورت زاكىزى كۆرسەتكۈچى %47.5 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.8 پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭغا ئىچكى ئېھتىياجنىڭ داۋاملىق مۇقىم قويۇپ بېرىلىشىنى قوشقاندا، يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى %49.8 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.6 پوئېنت ئاشقان.
ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى %50.7 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 پوئېنت ئۆرلەپ، كرىتىك نۇقتىدىن ئېشىپ، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى تېزلەشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەتچىلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزى كارخانىلار گۈللىنىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خو لىخۇي مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر، تۆمۈر يول، پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ۋە يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى %54 تىن يۇقىرى بولۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج بىر قەدەر تېز ئاشتى.
چوڭ كارخانىلارنىڭ ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %50.7 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.5 پوئېنت ئاشتى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %50.9 بولۇپ، ئۇدا تۆت ئاي كېڭىيىش دائىرىسىدە بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشتى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىق ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %51.2 ۋە  %50.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.6 ۋە 0.8 پوئىنت ئۆرلىدى، گۈللىنىش سەۋىيىسى بىردەك ئۆستى. بازار كۆزلىمىسىدىن قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %52.5 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئېنت ئۆرلىگەن.
خو لىخۇي مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بازار تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەكلىك ۋە ھاراق، ئىچىملىك، ئىنچىكە ئىشلەنگەن چاي، ئاپتوموبىل، تۆمۈر يول، پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %56 تىن يۇقىرى بولغان بىر قەدەر يۇقىرى گۈللىنىش دائىرىسىدە بولدى.
5-ئايدا، ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيەتلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى %50.3 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا كرىتىك نۇقتىدىن يۇقىرى بولدى. ليۇ يۈخاڭ مۇنداق دېدى: ئىنچىكە ئايرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئېكسپورتقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاكتىپ ئىپادە بار، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى داۋاملىق ئۆرلەش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىنى ھازىرلىغان.
مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %50.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان. خو لىخۇي: ماي بايرىمى ئۈنۈمىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۆمۈريول تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، بىردەك كېڭىيىش دائىرىسىدە بولدى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

5-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ھاسىلاتى كېڭىيىشنى ساقلىدى

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 5-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى تېزلىشىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ھاسىلاتى كېڭەيدى.