«خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى
خەينەندە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى ئېلىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم دەرۋازىسىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
2020-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى. بەش يىلدىن بۇيان، خەينەن ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا پورتى يادرولۇق سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
خەيكۇ دۆلەتلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى بىر تېببىي دورا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى تەكشۈرۈش، ئوراش، ساندۇققا قاچىلاش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەلگە چاپلىنىپ، كېيىنكى مەنزىلگە ئەۋەتىشكە تەييارلاندى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خې يۇڭشېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن 22 مىليون يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى تەبىئىي كاۋچۇكنى ئىمپورت قىلىپ، تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن تاموژنا بېجىنى تېجەپ، كارخانىغا ھەقىقىي ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدۇق».
2020-يىلى 6-ئايدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. نۆۋەتتە، «تاموژنا بېجى ئالماسلىق، تۆۋەن باج نىسبىتى، باج ئېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» ۋە «بەشنى ئەركىن، قولايلاشتۇرۇش بىرنى بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكەش» ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنغان ئەركىن سودا پورتى سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، سىياسەت پايدىسى تېز قويۇپ بېرىلدى. خەيكۇ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2025-يىلى 4-ئايغىچە، پەقەت ئۈچ پارچە «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» تىزىملىكىدىلا جەمئىي 22 مىليارد 585 مىليون يۈەنلىك تاۋار ئىمپورت قىلىنغان، 4 مىليارد 308 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان.
بۇ يىل خەينەن ئەركىن سودا پورتى پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتى قىلىدىغان، ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدىغان يىل. خەينەن ئۆلكىسى پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتى خىزمەت ۋەزىپىسى، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە بېسىم سىنىقىدىن ئىبارەت «ئۈچ تىزىملىك»نى چۆرىدەپ، ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىر چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشى، تاموژنا تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدىغان خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتى قىلىدىغان 31 تۈر پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى.
خەيكۇ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى دۆلەت زېمىنى پىلانلاش قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى چېن چىشىن مۇنداق دېدى: «بىز 31 ئەركىن سودا پورتىنىڭ پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتى تۈرىنى يولغا قويدۇق، ھەر بىر قاتناشقۇچى ناھايىتى تىرىشتى. بىز ئىشنى بالدۇرراق تاماملاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كېيىنكى پېچەتلىك تاموژنا بېسىمىنى سىناشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.»
پېچەتلىك تاموژنا قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولۇپلا قالماي، تۈزۈم كاپالىتىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. خەينەن «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى»دىكى پاراخوت تەۋەلىكى پورتى قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى»دىكى پاراخوت تەۋەلىكى پورتى تۈزۈمىنى يادرو قىلغان توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سۇ تىرانسپورتى ئامىللىرىنىڭ ياڭپۇغا تېز توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغا قەدەر، 60تىن ئارتۇق خەلقئارا پاراخوت «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى»غا كىردى، ئومۇمىي تونناژى 5 مىليون 830 مىڭ توننىدىن ئاشتى، «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى» تەۋەلىكىدىكى پاراخوتلارنى تىزىملاش سانى، ئومۇمىي توشۇش كۈچى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە ئەركىن سودا پورتى (رايونى)دا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
ياڭپۇ قاتناش-تىرانسپورت ۋە پورت سۇ قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ جىننىڭ مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ئېلان قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، مەن «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى» پاراخوت تەۋەلىكىدىكى پورت باشچىلىقىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى باشتىن كەچۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پورتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى قاتناش-تىرانسپورت ۋە پورت سۇ قاتنىشى كۆرسەتكۈچلىرى تېز ئاشتى. 2025-يىلى پېچەتلىك تاموژنا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سۇپىمىز تېخىمۇ چوڭ، سەھنىمىز تېخىمۇ كەڭ بولدى».
خەينەن ئۆلكىسى تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 19 تۈركۈمدە 158 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش مىسالىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئارالدىن ئايرىلغاندا باج كەچۈرۈم قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدى بىلەن خەيكۇ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا «ئېلېكتىرونلۇق بەلگە» ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، «ئاۋۋال رايونغا كىرىپ، ئاندىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش»، «باج كەچۈرۈم قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش» قاتارلىق تەدبىرلەر سىناق قىلىنىپ، باج كەچۈرۈم قىلىنغان بۇيۇملارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى، سېتىشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش تەسىراتى ئۆستۈرۈلدى.
جۇڭگو باجدىن خالىي خەينەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ باجدىن خالىي ئىسكىلاتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىمىن مۇنداق دېدى: «كارخانىلار تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باجدىن خالىي ئۇسۇل ئارقىلىق مال مەنبەسىنى زاپاس ساقلىسا بولىدۇ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋار، تور سۇپىسى ياكى ئادەتتىكى سودا تاۋارلىرىنى سېتىشقا جانلىق ئايلاندۇرۇپ، تىجارەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ماس ئۆستۈرەلەيدۇ».
بەش يىلدىن بۇيان، خەينەن ئۆلكىسى يولغا قويغان تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش مىسالىدىن 11نى گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇردى، 20 نەچچە تۈرنى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇردى. سىجىل ئەلالاشتۇرۇلغان تىجارەت سودا مۇھىتى تىجارەت سۇبيېكتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. ھازىرغا قەدەر، خەينەندىكى %70تىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتى «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن كۆپەيدى. خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى (ئەركىن سودا پورتى خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېڭلى مۇنداق دېدى: يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىستېمىلىق ۋە توپلاشتۇرۇلغان، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش مىساللىرىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مىساللارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، خۇلاسىلەش ۋە ئېلان قىلىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر، ناھىيە ۋە تارماقلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، تۈزۈمدە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەممە يېرىدە چېچەكلىتىپ، بەس-بەستە ئېچىلدۇرىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









