ئالدىنقى بەش ئايدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى
جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتى دائىرىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچى تېز ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 مىليون 826 مىڭ ۋە 12 مىليون 748 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %12.7 ۋە %10.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %44 ئىگە يەتكەن. ئېكسپورت جەھەتتە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە 2 مىليون 490 مىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 855 مىڭى ئېكسپورت قىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64.6 ئاشقان.
جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل داۋاملىق تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت