2025-يىللىق كومبايىن ئورمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياقلاشتى
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى 18-ئىيۇنغىچە بۇغداي ئورمىسىنىڭ %96 تاماملانغانلىقى، غەربىي جەنۇب، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې دەريالىرى بويى قاتارلىق نۇقتىلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردا ئورمىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقى، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كومبايىندا ئورۇشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئاياقلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل جايلار تومۇز ئىسسىق ۋە كۆپ قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك ھۆل- يىغىننىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەڭشەپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقى، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھوسۇل يىغىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللىدى. بۇ يىل بۇغداي ئورۇش رېتىمى بۇغداينىڭ پىشىش ۋاقتىغا بېقىپ تېز سۈرئەتتە تەڭشىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئومۇمىي سۈرئەت ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 2~3 كۈن تېز بولدى.