ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-17 17:12

2025-يىلى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.


ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل ۋە پۈتۈن يىلدىكىدىن 0.3 پوئېنت ئاشتى، بۇنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى دېيىشكە بولىدۇ، بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولدى، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. بولۇپمۇ 2-پەسىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، تاشقى بېسىم كۆرۈنەرلىك زورايدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ سۈپىتى ئۆستى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى

2025-يىلى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.