ئالدىنقى يېرىم يىلدا غەربىي رايوننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىدە يېڭى يۇقۇرى سەۋىيە يارىتىلدى
غەربىي رايون يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال يۇغۇرۇلۇپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن تاشقى سودا كۈچلۈك راۋاجلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.
تاموژنىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، غەربىي رايوننىڭ تاشقى سودا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى «جەنۇبىي ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى» تۆمۈر يول-تاشيول بىرلەشمە تىرانسپورت ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولى ۋە 318 دۆلەت تاشيولى بايلىقىغا تايىنىپ، پۈتۈن زەنجىرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ئەشيا ئوبوروت ئۈنۈمىنى %50 ئۆستۈردى، سودا ھەمراھلىرى 110 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى. چۇڭچىڭ غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە تىجارەت تەشكىللەش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى ئارقىلىق قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 ھەسسە ئېشىپ، كۈچلۈك ۋەزىيەتنى ساقلىدى. گۇيجۇدا بالون G5 ئاقىل زاۋۇتىدا، ئەقلىي ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئىلغارلىشىش، خەلقئارالىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلدى. ھازىر گۇيجۇ بالون ياسىمىچىلىقىدا بەش چوڭ تۈر، 3000 دىن ئارتۇق ئۆلچەمدىكى مەھسۇلاتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق تاشقى سودىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى، تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ئۆتۈش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن 16 سائەتكە قىسقارتىلدى، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەتتىن بىر سائەتكە قىسقارتىلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 280 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 يۇقۇرى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









