جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كېچىلىكنى كۆردى
ناخشا ساداسى ياڭراپ، غەلىبە سەھىپىسى جۇلالاندۇرۇلدى؛ ئۇسسۇل قىياپىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەققانىيەت كۈچى نامايان قىلىندى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» 3-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك تەخمىنەن 6000 كىشى بىلەن بىللە كېچىلىكنى كۆرۈپ، بۇ شانلىق كۈننى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.
خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان ئىدى. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەكلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تىز پۈكمەس مەنىۋى تۈۋرۈكىگە سىمۋول قىلىنغان ئىدى.
كېچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن، پىيونېرلار كېچىلىكنى كۆرگىلى كەلگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرىگە گۈل تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار پىيونېرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، چوڭ زالدىكى تاماشىبىنلار ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر زالغا كىرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
سەككىز ھەيۋەتلىك، جاراڭلىق قوڭغۇراق ساداسى ئىچىدە، «تاغ-دەريالارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش» ناملىق مۇزىكىلىق شېئىر بىلەن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
بىرىنچى مەيدان «نەرە تارت، خۇاڭخې»دا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن، «قانغا بويالغان ئاق قېيىنزارلىق» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ناخشا-ئۇسسۇل، «قۇربان بېرىش» ناملىق ئۇسسۇلدىكى مۇڭلۇق ۋە قايغۇلۇق كەيپىيات، «نەرە تارت، خۇاڭخې» ناملىق دېكلاماتسىيە ۋە خوردىكى مەردانىلىك ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ چاقىرىقى ۋە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى ئىپادىلەندى. ئىككىنچى مەيدان «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى»دا، «بۇ دەستە نۇر» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك دېكلاماتسىيە، «يەنئەن! يەنئەن!» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇلدىكى قايناق تۇرغان ھېسسىيات، «گەمە ۋە ئاكوپ» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلانغانلىقى نامايان قىلىندى. 3-مەيدان «يېڭىلمەس كۈچ»تە، «ھەممە يەرنى ئۇرۇش ئوتى قاپلىدى» ناملىق چاتما ئۇسسۇل بىلەن چاتما ناخشا، «مەڭگۈلۈك نومۇر» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر ۋە «ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىش» ناملىق ئەرلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى. تۆتىنچى مەيدان «ئورتاق سەھەر»دە، «شامالنى بويلاپ» ناملىق ئۇسسۇل، «ئۆچمەس مېلودىيە» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ناخشا، «نامسىز قەھرىمانلار ئوردېنى» ناملىق ناخشىدىكى چوڭقۇر ھېسسىيات ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ غايەت زور قۇربانلىق بېرىش بەدىلىگە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا تىرەك بولۇپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى مەدھىيەلەندى. 5-مەيدان «ھەققانىيەت مەڭگۈلۈك»تە، «سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك دىيالوگتىكى چىن ھېسسىيات، مۇراسىم ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئورۇنلىغان «ھەققانىيەتنى قوغداش» ناملىق ئويۇن، «توسۇۋالغىلى بولمايدىغان كۈچ» ناملىق باشلاپ ئېيتىش ۋە خور كېچىلىكنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ، ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىشنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلدى. ئاخىرلىشىش ھالقىسىدا، «تەقدىرداش بولۇش» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇل ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.
ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتتى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى.
پۈتكۈل كېچىلىكتە تارىخىي زامان-ماكان، بەدەئىي زامان-ماكان ۋە ھېسسىيات زامان-ماكانى گىرەلىشىپ ۋە يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق تارىخى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى قەھرىمانلىق زەپەر مارشى ياڭرىتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشتىكى روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى كېچىلىكنى كۆردى.
كېچىلىكنى كۆرگەنلەردىن يەنە: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان گېنېراللارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەتلىك رېۋېزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









