ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-04 11:13

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى،  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى

 

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش-تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تاپىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

62 چەتئەل رەھبىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلار قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى

 

ئۇلۇغ تارىخىي غەلىبە ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىق كۈچى مۇجەسسەملەندى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 3-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئارقىلىق، دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇلۇغ كۈن خاتىرىلىنىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى بىرلىكتە يارىتىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. چەتئەللەرنىڭ دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلار قاتارلىقلاردىن 62 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

پايتەخت بېيجىڭدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن، تيەنئەنمېن مەيدانى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان ئىدى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، «پولات سەددىچىن سېپىلى» باش تېمىسىدىكى مەنزىرە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن، 14 تۇرا «1945»، «2025» دېگەن خەتلەرنى تىرەپ تۇراتتى، 14 «تىنچلىق كەپتىرى» قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. ئېگىزدىن قارىغاندا، مەيداندىكى ئامما «众» خېتى شەكلىدە ياسالغان كۆرۈش سۇپىسى ھەيۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان ئىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى. شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. «سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدا»، «تەيخاڭشەن تېغىدا»، «خۇاڭخېنى قوغداش»، «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتىدا بارلىققا كەلگەن كىلاسسىك ناخشىلار كەينى-كەينىدىن ئېيتىلىپ، كۆپچىلىككە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتكە تولغان ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىق يىللىرىنى ئەسلەتتى.

سائەت 8 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەتئەل رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە كەلدى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ماياتنىكنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى. ماياتنىكقا ئەگىشىپ، 1945، 1955، 1965 ... 2025 دېگەن يىل سانلىرى تەرتىپ بويىچە كۆرۈندى. سائەت دەل توققۇزدا، ۋاقىت قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، خاتىرىلەش يىغىنى باشلاندى.

ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، 80 پاي ھۆرمەت توپى ئاسماننى زىلزىلىگە سالدى، دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ، مەردانە قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن مەيداننىڭ شىمالىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا ماڭدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلدى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىشىمىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش گېنېراللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا  پەرزەنتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى جاپا-مۇشەققەتلىك ئۇلۇغ ئۇرۇش. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپى بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ، قان بىلەن گۆشتىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى تۇنجى تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. تارىخ بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى بىر بىرىگە باغلانغان، ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق-ئېجىل ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ئۇرۇشنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىپ، تارىخىي تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تاپىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. ئەينى يىللىرى، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ئالغا ئىلگىرىلەش بىلەن ئەكسىيەتچىلىكنىڭ ھايات-ماماتلىق كۈچ سىنىشىشى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۈشمەنگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، سۆزلىشىش ياكى قارشىلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىش ياكى نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو خەلقى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرىپىدە، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!

شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي پارات مۇراسىمى باشلاندى، قاراۋۇللار ئورۇن ئالدى، ھەربىي ئوركېستىر ھەربىي پارات بۇرغىسىنى چالدى. شى جىنپىڭ قىزىل بايراق ماركىلىق كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، جىنشۈي كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، چاڭئەن كوچىسىغا چىقتى. ھەربىي پارات باش قوماندانى خەن شېڭيەن پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ تىزىلىپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشنى باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇراتتى، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى ئالدىغا كېلىپ، بايراقلارغا كۆز سالىمى بەردى.

ھەيۋەتلىك ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن كەڭرى كەتكەن چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ، 13 پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، بىر جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتى، 22 قورال-جابدۇق چاسا ئەترىتىنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈردى. پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ قىياپىتى رەتلىك، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، بىرونېۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. بۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق يىپيېڭى قىياپىتى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي جاكارنامىسى.

«يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!»، «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!»، شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ئارمىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. «رەئىس ياخشىمۇسىز!»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!»، پاراتتىن ئۆتىدىغان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولۇپ، جاراڭلىق  ئاۋازى ئاسماننى زىلزىلىگە سالدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېنغا قايتىش سەپىرىدە، پاراتتىن ئۆتىدىغان كوماندىر-جەڭچىلەر بىرلىكتە: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز! ئىستىلىمىز ياخشى!»، «ھەققانىيەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!  تىنچلىق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ! خەلق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!»، دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى.

سائەت 9 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، بوشلۇقتىكى بايراق قوغداش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەربىي پاراتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، ئۈچ تىك ئۇچار ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، 26 تىك ئۇچار «80» دېگەن غايەت زور ساننى ھاسىل قىلدى، ئۈچ تىك ئۇچار  ئايرىم-ئايرىم «ھەققانىيەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ»، «تىنچلىق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ»، «خەلق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئېلىپ تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا جەمئىي 45 چاسا (پەلەمپەيسىمان) ئەترەت پاراتتىن ئۆتتى، كۆپ ساندىكى قورال-جابدۇقلار تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمان قىسمىغا ۋارىسلىق قىلىش تولۇق ئىپادىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش يېڭى قىياپىتى، كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش يېڭى ئۈنۈمى تولۇق نامايان قىلىندى.

كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھەيۋەتلىك قوشۇن سەپ تۈزدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ مەزمۇت قەدەم بىلەن كېلىۋاتاتتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ دۆلەتنىڭ قوغدىغۇچىسى، مەڭگۈ سوتسىيالىزمنىڭ قوغدىغۇچىسى، مەڭگۈ خەلق مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى. خەلق ئارمىيەسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىچە ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندى، تۆت ئارمىيە تۈرى، تۆت قىسىم تۈرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىنىڭ ئارمىيە بايرىقى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇنجى قېتىم مەركەزلىك مەيدانغا چىقتى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، راكېتا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى ھەيۋەتلىك جەسۇرانە قىياپەت بىلەن پولات سېپىلنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدى؛ ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى چاسا ئەترىتى، تور بوشلۇقى قىسمى چاسا ئەترىتى، ئۇچۇر ياردەم قىسمى چاسا ئەترىتى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى چاسا ئەترىتىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى مەردانە قىياپەت بىلەن سادىق قوغدىغۇچىلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى؛ زاپاس قىسىم چاسا ئەترىتى، خەلق ئەسكەرلىرى چاسا ئەترىتىنىڭ قىياپىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە زاپاس كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدى. تىنچلىق ساقلاش قىسمى چاسا ئەترىتى مەزمۇت قەدەم بىلەن مېڭىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسەتكەنلىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى نامايان قىلدى. جەڭ بايرىقى جەۋلان قىلدى، پولات قوشۇن مەزمۇت قەدەم بىلەن ماڭدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان قەھرىمان نەمۇنىچىلار قىسمىنىڭ 80 شەرەپ بايرىقىدىن تەشكىللەنگەن جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتى تارىخنىڭ شان-شەرىپىنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ قەھرىمانلىق بايرىقى، غالىبىيەت بايرىقى، ئۆچمەس بايراق خەلق ئارمىيەسىنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. قورال-جابدۇق چاسا ئەترىتى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش توپى، دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش توپى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش توپى، ئۇچۇر ئۇرۇشى توپى، ئادەمسىز ئۇرۇش توپى، ئارقا سەپ قورال-جابدۇق كاپالىتى توپى، ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش توپى بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەيۋەت بىلەن پاراتتىن ئۆتتى. يېڭى تىپتىكى تانكا، ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدار، تور ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇشى، يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز تېزلىكى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ... ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى يەرلىك مىلتىق، يەرلىك زەمبىرەكتىن بۈگۈنكى يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچىگىچە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان، قىسىمدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاساسلىق ئۇرۇش جابدۇقلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم قوراللار تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداشتىكى پولاتتەك ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى نامايان قىلىندى.

ئۇرۇش بۈركۈتى ھۆركىرەپ، قانات قېقىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى. ئالدىن سىگنال بېرىش قوماندانلىق ئايروپىلانى، ئالاھىدە ئايروپىلان، تىرانسپورت ئايروپىلانى، بومباردىمانچى ئايروپىلان، ماي قاچىلاش-قاچىلىنىش ئايروپىلانى، قىرغۇچى ئايروپىلان، پاراخوت ئايروپىلانى قاتارلىق ھاۋا پەلەمپەيسىمان ئەترەتلىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا تيەنئەنمېن مەيدانىدىن تەرتىپ بويىچە ئۇچۇپ ئۆتتى، پاراتتىن ئۆتكەن ئالدىن سىگنال بېرىش، رازۋېدكا قىلىش، يىراق مۇساپىدىن زەربە بېرىش، بوشلۇق كونترول ئۇرۇشى قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش، ياردەم- كاپالەت قاتارلىق ئايروپىلان تىپلىرى ئارمىيەمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق نامايان قىلدى. تىرېنېر ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى 14 يول رەڭلىك ئىس چىقىرىپ ئۇچتى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تىللاردا داستان بولغۇدەك 14 يىللىق ئۇرۇش مۇساپىسىگە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشتەك پارلاق ئىستىقبالىغا سىمۋول قىلىنغان.

شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى پات-پات چاۋاك چالدى، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

80 مىڭ تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ كۆكتە ئۇچتى، 80 مىڭ شار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق جۇشقۇن مۇزىكا پۈتكۈل مەيداندا ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ئاممىسىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، مەيدان ئىچى ۋە سىرتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

يىغىن بىر سائەت 26 مىنۇت داۋاملىشىپ، سائەت 10 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دۇەنمېن سىرتىدىكى مەيداندا يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرىنى كۈتۈۋالدى ھەم ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار تۆۋەندىكىچە: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لوڭ سۇڭ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى توڭلۈن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى خۇرىلسۇخ، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، نېپال زۇڭلىسى ئولى، مالدىۋى زۇڭتۇڭى مۇئىز، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىئان، كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسۇ، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مىنانگاگۋا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو، كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياس كانېل، بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى، شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فېرناندا، ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگىس، سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يەن جىنيوڭ، مىسىر زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋازىر، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى زافىروف، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئاننىڭ ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئاننىڭ ۋەكىلى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى بايراقتار، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باش ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئامورىن، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاۋ ۋاڭ، نىكاراگۇا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى لاۋرېيانو، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى سىياردو، برۇنېي خانلىق قوراللىق قىسمىنىڭ قوماندانى خازايىمى، بېنگال ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى راخمان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوستار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى جۈنخۇا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چۈ دۇڭيۈ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى رۇسسىف، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمېكبايېۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سارشېيېۋ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ باش كاتىپى سارېباي، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى لېبېدېۋ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاسماگامبېتوۋ، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساكىنتائېۋ، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما يۇكىيو، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ماۋرېل، بېلگىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى لايتېم، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پاپاندىرىئو، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دالېما، رومىنىيەنىڭ سابىق زۇڭلىلىرىدىن نېستاسې، دېنچىلېر، يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىلىرىدىن كلارك، جون كېي، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى كارل، ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئاندرېۋس.

يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە ما شىڭرۈي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يۇشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، لى رۈيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي.

بېيجىڭدىكى مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان گومىنداڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش گېنېراللىرى ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانا، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىجرائىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، «1-ئىيۇل ئوردېنى»، «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخس ۋەكىللىرى، 11-ئەۋلاد بەنچەن ئېردىنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چىياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.

چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى