«14-بەش يىل»مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى
مۇخبىرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى چىڭ تۇتقان، مەركەز مالىيەسى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش مەبلىغىدىن جەمئىي 124 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 6000 دىن ئارتۇق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە مەدەت بېرىپ، سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









