ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار، تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-08 11:12

دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشاي دەپ قالدى، قايتىش سەپىرىگە چىققان يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. جايلاردىكى قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاشيوللار 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىق قايتىش سەپىرىدىكى ئاپتوموبىل يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، خېبېي ئۆلكىسىدىكى بېيجىڭ ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بېيجىڭ-خاربىن، بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، پايتەخت ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىللار كۆپ بولغانلىقتىن يۈرۈشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاستا بولدى. خېبېي ئۆلكىلىك گوڭئەن نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: خېبېي گوڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نۇقتىلىق مەزگىل، نۇقتىلىق يول بۆلىكى، نۇقتىلىق تۈگۈنلەرنى چارلاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.
دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇچۈەن رايونلۇق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاسراش-رېمونت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۆ فېي مۇنداق دېدى: بىز ئاپتوموبىل تور سۇپىسى ئارقىلىق توكلىغۇچنى 24 سائەت كۆزىتىپ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئەقلىي تەھىلىل قىلىپ، مۇھىم ۋە بېسىق بېكەتلەرگە ئاسراش خادىملىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتۇق ھەم جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گېنېراتورىنى سەپلىدۇق.
مۆلچەرلىنىشچە،  10-ئاينىڭ 8-كۈنى خېنەننىڭ جېڭجۇ ئەتراپىدىكى بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرى ۋە شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، قايتىش يۇقىرى پەللىسى يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىكەن. خېنەن قاتناش تارماقلىرى پۈتۈن ئۆلكىدە 300 ئورۇندا قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە تۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 550 تۈرلۈك ئۈسكۈنە، 167 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 226 يۈرۈش ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپتوموبىل يۆتكەش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ، بىر سائەتتە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بارلىق ئاپتوموبىل يوللىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا تاشقىن يولى ۋە قوش ئاپتوموبىل يولى ئىشلىتىلىدۇ.
چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولى قايتقان يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، تۆمۈر يول تارماقلىرى يۇقىرى پەللە قاتناش خەرىتىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئاساسىدا، نەنچاڭ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، جېڭجۇ قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە بارىدىغان يولۇچىلار پويىزىدىن 399 نى كۆپەيتتى. خۇەيئەن شەرقىي ۋوگزالى يولۇچىلار تىرانسىپورتى نۆۋەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گاۋ جىنۋېي مۇنداق دېدى: 10-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنىرى يولۇچىلار قايتىدىغان چاغدا، خۇەيئەن شەرقىي ۋوگزالى 24 سائەت ئىشلەيدۇ، شۇنداقلا كېچىلىك نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنى ئىشقا سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. يەرلىكتىكى ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرى بىلەن جىپسىلىشىپ، كېچىدە قاتنايدىغان قاتناش قورالى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى سۇچيەن ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىسى سى شياۋتۇڭ: ۋوگزال بېلەتنى ئالدىن سېتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولۇچىلار مەركەزلىك ۋوگزالغا كىرگەندە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار، تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشاي دەپ قالدى، قايتىش سەپىرىگە چىققان يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. جايلاردىكى قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.