ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«كېچىلىك ئىقتىساد» جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمالىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-08 11:14

بۇ يىل دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كېچىلىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جايلار چۆكمە ھېس قىلىش، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قوش دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايلار پەن-تېخنىكا بىلەن كەسىپ ھالىتىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرىنىڭ شىدى بازىرىدا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئويۇنى ۋە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئورۇندۇق ئەجدىھا ئويۇنى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. جياڭسۇدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى: مەن ئورۇندۇق ئەجدىھاسى پائالىيىتىگە قاتناشتىم، چاغانغا ئوخشاش ناھايىتى قىزىپ كەتتى، دېدى

نۇرغۇن جايلار يەنە چۆكمە مەنزىرە بەرپا قىلىش ئارقىلىق، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئاۋاز، فوتو ئېلېكتىر، سۇ پەردىلىك پرويېكسىيە ۋە سۈنئىي ئەقلىي ھاسىل قىلىش، مېتا ئالەم، رەقەملىك قوشكېزەك قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمال مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى. فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرىنىڭ تەينىڭ ناھىيەسىدە، «تەينىڭدىكى ئون چاقىرىملىق جىنشى كېچىلىك ساياھىتى» ناملىق ئىچكى دەريا كېچىلىك ساياھەت تۈرى يولغا قويۇلۇپ، دۇمباق چېلىش، مېيلىن قەدىمىي تىياتىرى قاتارلىق توققۇز چوڭ ئالاھىدە مەنزىرە ئەپچىللىك بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى، خېنەنلىك بىر ساياھەتچى: بۇ مېنىڭ تەينىڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۈگۈن كەچتىكى جىنشى كېچىلىك ساياھىتىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم، دېدى.

جايلارنىڭ «كېچىلىك ئىقتىسادى»جانلىنىپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى، كېچىدە غىزالىنىش، كېچىدە سېتىۋېلىش، كېچىدە ساياھەت قىلىش قاتارلىق كېچىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال كەسىپ ھالىتى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت زېمىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايون ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسى رايون 2-ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ مىن مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا پۇرىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، نۇرغۇن جايلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، سۇ پەردىسى، گولوگرافىك پرويېكسىيە قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، كېچىلىك كۆرۈش تەسىراتىنى قايتا بەرپا قىلدى؛ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم، چارلاش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىدار تىپىدىكى ماشىنا ئادەملەر كېچىلىك ئىستېمال مەنزىرىسىدە نامايان قىلىنىپ، كېچىلىك پەن-تېخنىكا ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىندى.

بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى 60 نۇقتىلىق سودا چەمبىرىكىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشتى. چۇڭچىڭ شەھىرى گۇەنيىنچياۋ سودا چەمبىرىكىدە ساياھەتچىلەر كۈنىگە بىر مىليوندىن ئاشتى، سودا چەمبىرىكىدىكى نۇقتىلىق كۆزىتىلگەن كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈندىكى سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشتى.  شەنشى ئۆلكىسىدە، بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، شەنشى دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمالى توپلاشما رايوننىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 47 مىليون 593 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.07 ئاشتى...بۇ يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلارنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادقا ئالاقىدار يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت زېمىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايون ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسى رايون 2-ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ مىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشما رايونى، ساياھەت-ئىستىراھەت كوچا رايونى سىجىل قىزىپ كەتتى، كېچىلىك غىزالىنىش، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك كۈتۈنۈش، كېچىلىك ساياھەت ماس قەدەمدە كۈچەيدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«كېچىلىك ئىقتىساد» جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمالىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى

بۇ يىل دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كېچىلىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جايلار چۆكمە ھېس قىلىش، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.