«14-بەش يىل»مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى
ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئاي دۆلىتىمىزنىڭ 16- مەملىكەتلىك ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ئېيى، جايلار ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. «14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارغا ئۇيغۇن ئىجتىمائىي مۇھىتىنى تېز شەكىللەندۈردى.
ھازىر، مەملىكەت بويىچە 86 مىڭ ياشانغانلار غىزالىنىش نۇقتىسى ھەر كۈنى ئەتراپتىكى ياشانغانلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلار، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ تاماق يېيىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىن يۇقىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا قارىتىلغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال تولۇقلىمىسى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار بار نەچچە ئون مىليون ئائىلىگە تارقىتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى؛ نەچچە ئون مىليون كۆمۈش چاچلىق پىدائىي شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جانلىق ھەرىكەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆمۈش چاچلىقلار كۈچىنى قوشتى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز شەھەر-يېزا ئۈچ دەرىجىلىك كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى، ياشانغانلار ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تىرىليون دەرىجىلىك چوڭ بازارنى بارلىققا كەلتۈردى.
«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش كاپالەت تورى تېخىمۇ پۇختىلاندى. «دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تىزىملىكى»تۈزۈلۈپ، ھەممە ئادەم ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 70 مىليوندىن ئېشىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىسىدىن 2 مىليون 240 مىڭى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى؛ ئىستېمال تولۇقلىمىسى شەكلىدە ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا تۇنجى قېتىم دۆلەت قاتلىمىدىن ئىستېمال تولۇقلىمىسى تارقىتىلدى.
«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ تاكوموللاشتى. مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ۋە ئەسلىھەلىرى 406 مىڭغا يېتىپ، كۈتۈش تىپىدىكى كۈتۈنۈش كارىۋىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %64.6 كە يېتىپ، «14-بەش يىل»دىكى %55 لىك ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاندى؛ ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگىچە كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلار ئىشىك ئالدىدىلا تاماق، يۇيۇنۇش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولدى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلارنىڭ جەمئىيەتكە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزىمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ياشانغانلارغا ماس كېلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ياشانغانلارغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋېتىلدى؛ مەملىكەت بويىچە 68 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغانلار مائارىپى ئۆگىنىش نۇقتىسى ياشانغانلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى؛ دۆلەت مەملىكەت بويىچە «كۆمۈش چاچلىقلار ھەرىكىتى»ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









