ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رايون ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-19 10:25

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رايون ماس تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز ئاساسىي فۇنكسىيەسى روشەن، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قۇۋۋەت توپلىدى.
چاڭجياڭ دېلتىسىدا، تۆت سائەتلىك ماشىنا مۇساپىسى ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى يادرولۇق شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا «بىر سائەتتە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 0.007 سېكۇنتتا، شىنجاڭنىڭ يېشىل توكى 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىن ھالقىپ، سىچۈەن-چۇڭچىڭ رايونىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگودا، رايون ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۆزئارا باغلىنىپ، پىلاندىن ھەقىقىي  رېئاللىققا ئايلاندى.
رايون ماس تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش-باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر چوڭ ئىش. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون مەيدان رايون ماس تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا رايون ماس تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم تەستىق سالدى. باش شۇجى رايون ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇش؛ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. شەرقىي رايوندا، باش شۇجى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى؛ غەربىي رايوندىن شارائىتقا قاراپ گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئوتتۇرا رايونغا قارىتا، باش شۇجى ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدا تۇرۇپ پۇختا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. شەرقىي شىمال رايونىغا قارىتا، باش شۇج دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق «بەش چوڭ بىخەتەرلىك»نى ياخشى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
«14-بەش يىل»لىق پىلان پىروگراممىسىدا، رايون زور ئىستراتېگىيەسىدە يېڭى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايونلار ئارا يۇغۇرۇلۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش، يۈرۈشتۈرۈش، تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەز بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، رايون ماس تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوننى ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز رايون ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن پىلانلىدى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، زور رايون ئىستراتېگىيەلىرى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، چاڭجياڭ دېلتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ماتورلۇق رولى داۋاملىق كۈچىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن يۇقىرى بولدى. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى، 2024-يىلى، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 300 مىليارد جىڭغا يېقىنلاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر بىر نوپۇس ئۈچۈن 200 جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقارغانغا باراۋەر بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كۈچلۈك قوغدالدى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. غەربىي رايوندا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 37 مىڭ قېتىم قاتناپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ، «ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئالدىنقى سەپكە ئۆزگەرتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى شەرقىي رايونغا %40 ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بەردى. «شەرقىي رايوندا سانلىق مەلۇمات، غەربىي رايوندا ھېسابلاش»تىن ئىبارەت سەككىز چوڭ تۈگۈن نۇقتىسىنىڭ ھېسابلاش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %70 نى ئىگىلىدى. ئوتتۇرا رايون شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ توپىدىن 18 نى، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىدىن 13 نى يېتىلدۈردى ۋە شەكىللەندۈردى، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى، ساقلاش ئۆزىكى، قۇرۇلۇش ماشىنىسى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، «دەريا-ئېقىن ئىستراتېگىيەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش قەتئىي يولغا قويۇلدى، لىنىيە بويىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرىدىكى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى چېكىندۈرۈلدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا ئۇدا بەش يىل 2-تۈردىكى سۇ سۈپىتى ساقلاپ قېلىندى. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلانماقتا. 2024-يىلى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى 11 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50 تىن ئاشتى. خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون جەمئىي 200 مىليون مو يەردە ئورمان ئەھيا قىلىپ، 231 مىليون مو چېكىنگەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈردى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك سېرىقتىن يېشىلغا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى دۇغ بولۇشتىن سۈزۈكلۈككە ئۆزگەردى.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش مېخانىزمى، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق «ئاساسلىق قۇرۇلما» ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان 4218 بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇل مەركەزلىك ئېنىقلىنىپ، «ئىچكى تالىشىش» رىقابىتى ھەر تەرەپلىمە تۈزىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلاردا ئۆلكە ھالقىغان مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ دۆلىتىمىز يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى ۋە پوچتا تېز يەتكۈزۈش تورىنى قۇرۇپ چىقتى، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان تاۋار ۋە ئامىل بازىرى تېزدىن شەكىللەنمەكتە.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %67 بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3.11 پوئېنت ئاشتى؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا %6.9 ئەمەلىي ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 2.4 پوئېنت يۇقىرى بولدى.
«15-بەش يىل»غا يۈزلەنگەندە، دۆلىتىمىز پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت توپلايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رايون ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى يارىتىلدى

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رايون ماس تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى.