AG600 دالا مۇھىتىدا سۇ تارتىش سۇ چېچىش مانېۋىرىنى تاماملىدى
29-ئۆكتەبىر جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان چوڭ تىپتىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان AG600 يېقىندا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭخۇا كۆلى سۇ رايونىدا تۇنجى قېتىملىق دالا مۇھىتىدا سۇ تارتىش، سۇ چېچىش مانېۋىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، AG600 تىپلىق ئايروپىلان ئۇدا توققۇز قېتىم سۇ تارتىپ سۇ چاچالايدىكەن، ئومۇمىي سۇ مىقدارى 120 توننىغا يېتىدىكەن، سۇ چاچقان رايوندا يامغۇر مىقدارى قاتتىق يامغۇر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە بولغان كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن.
تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان









