باش ئىستانسىمىز 2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پىروگراممىدا يېڭىلىق يارىتىلغان يارقىن نۇقتىلارنى تونۇشتۇردى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا، پىروگرامما ئىجادىيىتى ۋە پەن تېخنىكىنى قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىلغان يارقىن نۇقتىلار تونۇشتۇرۇلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باش ئىستانسىنىڭ ئات يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە مەدەنىيەت بىلەن پەن تېخنىكىنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە داۋاملىق كۈچ چىقىرىلىپ، پەن تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان «مەدەنىيەت چاغانلىق سوۋغىسى» تەقدىم قىلىنىدىكەن. بۇ يىل، تەنلىك ماشىنا ئادەم يەنە بىر قېتىم چاغانلىق كېچىلىككە قاتناشتۇرۇلۇپ، ماھارىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدىكەن. باش ئىستانسىنىڭ «مەركەز ئۈن-سىن تاراتقۇ چوڭ مودېلى 2.0» تۇنجى قېتىم چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مەزمۇنىنى ئىشلەشكە ئىشلىتىلگەن. باش ئىستانسىنىڭ سۈپسۈزۈك دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن رەڭدار ئۈن-سىن تېخنىكا ئۆلچىمى چاغانلىق كېچىلىكنى پۈتۈن تاراتقۇ بويىچە سۈپسۈزۈك يۇغۇرما ئىشلەش ۋە چوڭ-كىچىك ئېكرانلارنىڭ سۈپسۈزۈك يۇغۇرما تارقىتىشىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. 8K بويىچە ئىشلەشتە، پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈسكۈنىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن، تىك ئېكرانلىق چاغانلىق كېچىلىكتە تۇنجى قېتىم باش ئىستانسىنىڭ ئەڭ يېڭى NVI پۈتۈن تاراتقۇ سۈپسۈزۈك فىلىم ئىشلەش، تارقىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، چۆكمە شەكىلدىكى سۈپسۈزۈك تىك ئېكرانلىق كۆرۈش تەسىراتى بەرپا قىلىنغان.

باش ئىستانسىنىڭ ئات يىلىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ «خۇشاللىق، قۇتلۇق، شادىيانىلىك» ئاساسىي رېتىمى ئاستىدا، ناخشا-ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، تىل، سېھىرگەرلىك، ئىجادىيەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل نومۇرلار كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
چاغان ھارپىسىدا، باش ئىستانسىنىڭ ئات يىلىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە قانىلى، رادىيو چاستوتىسى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ۋە «يۈز شەھەردىكى مىڭ ئېكران» 8K لىق سۈپسۈزۈك سۇپا ئارقىلىق تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 3300 دىن ئارتۇق تاراتقۇ بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ 85 خىل تىلدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ ۋە خەۋەر قىلىنىدۇ، چاغانلىق كېچىلىك سىز بىلەن جەم بولۇش پەيتىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، شادىيانە كەيپىياتقا تولغان ئات يىلىدىكى چاغاننى كۈتۈۋالىدۇ.










