مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 5-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى تاماملاندى
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 5-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. ئىجادىيەت تۈرىدىكى نومۇرلار، ناخشا-ئۇسسۇل، سېرىك، ئەلنەغمە، چامباشچىلىق، ئىتوت، سېھىرگەرلىك قاتارلىق كۆپ خىل نومۇرلار مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، بەختلىك، شادىيانە كەيپىيات قويۇق بولدى. ئاساسىي مەيدان بىلەن تۆت شۆبە مەيدان تەبىئىي تۇتاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەم بولۇش، خۇشاللىق ئىچىدىكى بەخت، گۈزەللىككە تولغان بۇ «مەدەنىيەت چاغانلىق سوۋغىسى»نىڭ تەييارلىقى پۈتتى، كېچىلىك پات ئارىدا يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە چەتئەللىك دوستلارنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە جۆر بولىدۇ.
ھەممە ئائىلىدە چىراغلار چاقناپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە چاغان كۈتۈۋېلىنىدۇ. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» سىزنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ!
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









