دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 140 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان «2025-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا، 2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 140 تىرلىيون 187 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ئاشتى، دەپ كۆرسىتىلدى.
2025-يىلى «14-بەش يىل»تاماملانغان يىل بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ لەييۈن: 2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.0 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 140 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۆزلىمىدىكى نىشان، ۋەزىپىلەر تولۇق ئورۇندالدى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









