كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا
ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق يازلىق ئاشلىق سورتى بولغان كۈزگى بۇغداي ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى مەزگىلىگە كىردى. ئەقلىي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، AI تەدبىرى قاتارلىق ئەمەلىي مەنزىرەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئەتىيازلىق پەرۋىشنى تېخىمۇ ئاقىللاشتۇردى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئايان بولۇشىچە، ھازىر غەربىي جەنۇب رايونىدىكى كۈزگى بۇغداي غول تارتىش مەزگىلىگە كىرگەن، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې ۋادىلىرىدىكى كۈزگى بۇغداي جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن كۆكىرىشكە باشلىغان.
خېنەن ئۆلكىسى سۈيشيەن ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقان ليۇ شىلۇڭنىڭ بۇغدايلىقىدا، ئەقلىي سۇغىرىش ماشىنا ئادىمى ئېتىز ئارىلىدى، ئۇ ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشتىكى «يېڭى ئاساسىي كۈچ»بولۇپ قالدى. بىر ماشىنا ئادەم ئالدىن تەييارلانغان لىنىيە بويىچە ئۆزلىكىدىن چارلىيالايدۇ ھەمدە تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئېھتىياجغا ئاساسەن سۇ ۋە ئوغۇتنى بۇغداي مايسىسىنىڭ يىلتىزىغا تەكشى پۈركىيەلەيدۇ.
شەندۇڭنىڭ گاۋتاڭ ناھىيەسىدە، 15 يۈرۈش ئەقلىي پۈركۈپ سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئەتراپتىكى 1000 مو يەردىكى بۇغداينى پۈركۈپ سۇغاردى. ئۇنىڭ ئاقىل سۇپىسى نەملىك ئەھۋالى، مايسا ئەھۋالى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا توپلاپ، ئېھتىياجلىق سۇ، ئوغۇتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەپ، دەل جايىدا پۈركۈپ سۇغىرىدۇ.
بۇ يىل ئەتىيازلىق پەرۋىشتە، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇ ئېتىز-ئېرىقلاردىكى«ئۆلچەملىك سەپلىمە»گە ئايلاندى. جياڭسۇنىڭ شېياڭ ناھىيەسىدىكى شىنياڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، كۆپ سىپېكتىرلىق فوتو ئاپپارات ئورنىتىلغان يېزا ئىگىلىك ئادەمسىز ئۇچقۇسى قىسقىغىنە بەش مىنۇتتا 180 مو بۇغداينىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى توپلىدى. خېبېينىڭ مېڭسۈن كەنتىدە، شۇ جايدىكى ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلات ئەترىتى 50 كىلوگىرام ئوغۇتنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 20 دىن ئارتۇق يېڭى ئادەمسىز ئۇچقۇنى ئىشقا سېلىپ، يەككە مەشغۇلاتنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. يېڭى بىر ئەۋلاد ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى پۈركۈگۈچ بىلەن بۇغداي مايسىلىرىنى تەكشى پۈركىگىلى بولىدۇ. سىچۈەننىڭ دايى ناھىيىسىدە، ئاشلىق تېرىغۇچى ۋاڭ يىجېڭ يان تېلىفوننى رەقەملىك يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئۇلاپ، 6 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغداينى يىراقتىن تەكشۈردى. سۇپا AI سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشقا ئاساسەن، ئېتىز پەرۋىشىغا ئائىت تەكلىپنى توغرا بەردى.
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن تەڭلىشىدىكەن. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى بۇغداينى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىپ، مايسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخنىكا قوللانمىسىنى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە بۇغداي مۇتەخەسسىسلىرى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە پەن-تېخنىكا ئەترىتىنى تەشكىللەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. ھازىر، كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









