سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ جيېيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن بولىدۇ.
ليۇ جيېيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل»دىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «14-بەش يىل»لىق پىلاندىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى. 2025-يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ھالقىلىق، ھەل قىلغۇچ ئامىللار، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى، يېڭى مۇساپىدىكى يۈزلىنىش خاراكتېرلىك، قانۇنىيەتلىك تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئەزالاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر-تەكلىپ ئالدى.
ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: بىز كۆپ تۈرلۈك چوڭقۇر تەتقىقات، تەدبىر تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، 480 دىن ئارتۇق تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇچۇر يوللاپ، «15-بەش يىللىق» پىلاننى تۈزۈشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدۇق.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن» چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، سودا سارايلىرى قىزىپ كەتتى، دۆلەت ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 803 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 126 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپەيدى؛ چاغانلىق تىرانسپورتتا پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 9 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يەر شارى بويىچە كىشى بېشىغا بىر قېتىمدىن ئارتۇق سەپەرگە چىققانغا باراۋەر بولدى. ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 140 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئېشىش سۈرئىتى يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.
خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا پۈتۈن ئارال بويىچە پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خەينەندە ئارالدىن ئايرىلغاندا باجسىز مال سېتىۋېلىش سوممىسى بۇلتۇر چاغاندىكىدىن %30.8 ئاشتى، ۋىزىسىز چېگرىدىن كىرگەن چەتئەللىك يولۇچى %75.6 كۆپەيدى. ليۇ جيېيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا پورتىدا پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇش-جۇڭگونىڭ قائىدە، بەلگىلىمە، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىشتىكى يېڭى ئىزدىنىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇكى، ھەرگىز تاقىلىپ قالمايدۇ.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى جۇڭگو تەجرىبىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









