ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش سوممىسى 430 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-05 10:24

مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى پائال ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئالاقىدار تاۋارلار سېتىلىش سوممىسنىڭ 433 مىليارد 170 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇنىڭدىن 60 مىليون 933 مىڭ ئادەم (قېتىم) نەپكە ئېرىشكەن.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا 1 مىليون 408 مىڭ پارچە تولۇقلىما ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋېلىنىپ، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش سوممىسىنىڭ 228 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىراك قىلىش، يېڭىلاش تولۇقلىما ئىلتىماسى 403 مىڭ پارچە بولۇپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 51 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش تولۇقلىما ئىلتىماسى 1 مىليون 5000 پارچە بولۇپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 176 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ئالتە تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك ۋە ئەقلىي مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش مىقدارى جەمئىي 59 مىليون 525 مىڭغا، سېتىش سوممىسى 204 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش مىقدارى 23 مىليون 205 مىڭ بولۇپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 95 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ رەقەملىك ۋە ئەقلىي مەھسۇلاتتىن 36 مىليون 320 مىڭى سېتىلىپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 109 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有