ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-30 15:44

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2  ئاشتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى باشلاندى.
1-ئايدىن 3-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر پۈتۈن يىل ۋە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 1.1 ۋە 0.5 پوئېنت ئاشتى، ئېشىش ھالىتى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.
1-ئايدىن 3-ئايغىچە، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن 0.5 پوئېنت كۆپىيىپ، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولدى. جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈخاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تىرىكى مۇقىم بولدى، ئىلغار ياسىمىچىلىق ئېشىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ياسىمىچىلىق ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.3 پوئېنت يۇقىرى بولدى.
ئورۇنلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ بۇيۇم ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 كۆپىيىپ، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن 1.4 پوئېنت ئاشتى. ليۇ يۈخاڭ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال ئەشيا ئوبوروتى مۇقىم ياخشىلاندى، يېڭىچە ئىستېمال قۇۋۋىتى سىجىل كۈچەيدى. تور ۋە تور سىرتى كەسىپ ھالىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئەشيا ئوبوروت ھەمكارلىقى تېزلىتىلدى، ئۇدۇللۇق پارچە سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى داۋاملىق زورىيىپ، يېڭىچە ئىستېمال ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
1-پەسىلدە، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي خىراجىتى 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى. ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدىكى ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئاستىلاپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نەتىجىسى مۇستەھكەملەندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 96 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى باشلاندى.