ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى تۆت ئايدا يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-05-13 15:54

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيات-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بولغان يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى 350 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %58.9 ئىنى ئىگىلىگەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى تۆت ئايدا يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يەتتى

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى 594 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان.