دۆلىتىمىز 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، جەنۇبتىكى رايونلار ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى
مۇخبىرنىڭ سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەن، جەنۇبتىكى رايونلار ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەن. ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئايدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى دۇڭتىڭخۇ كۆلى، پوياڭخۇ كۆلى سۇ سىستېمىسىدىكى قىسمەن ئاساسلىق دەريالار، جۇجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى شىجياڭ دەرياسى، خەنجياڭ دەرياسى، جېجياڭ چيەنتاڭجياڭ دەرياسى ۋە فۇجيەن مىنجياڭ دەرياسى قاتارلىق دەريالاردا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. سۇچىلىق تارماقلىرى ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، مانېۋىر قىلىش، ئالدىن لايىھە تۈزۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ۋادىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى دەل جايىدا تەڭشەپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









