\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆزىڭىزنىڭ سېمىز ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەپ بېقىڭ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-28 16:28
ئۆزىڭىزنىڭ سېمىز ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەپ بېقىڭ

 
 
بۈگۈنكى كۈندە «ئورۇقلاش» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ سېمىز ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە قارىتا كۆڭلىڭىزدە سان بارمۇ؟ سۈرەتتە: ئامما بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن لىچىن
كونىلاردا گۈزەللىكنى سۆيۈش ھەممە ئادەمدە ئورتاق بولىدۇ دېگەن گەپ بار، شۇڭا مەيلى قېرى ياكى ياش بولسۇن نۇرغۇن ئاياللار ئورۇقلاشنى ئۆزىنىڭ «ئۆمۈرلۈك ئىشى» دەپ بىلىپ، «ئورۇقلاش» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇن ئەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئورۇقلاش سېپىگە قوشۇلۇۋاتىدۇ. لېكىن سىز نەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق ئۆلچەش كېرەكلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

 
 
ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەدەن ئېغىرلىقى جەدۋىلىدىكى سانلارغا ئاساسلىنىپلا سېمىزلىكنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
چۈنكى سىزنىڭ دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان 65 كىلوگىرام ھالىتىڭىز ھەرىكەت قىلمايدىغان 63 كىلوگىرام ھالىتىڭىزدىن زىلۋا كۆرۈنىدۇ، كىشىلەرنىڭ «كىيىم كىيسە ئورۇق كۆرۈنىدۇ، كىيىم سالغاندا بېلىقتەك گۆشى بار» دېگىنى دەل مۇشۇ گەپ.
شۇڭا سېمىز-ئورۇقلۇقنى بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپلا ئاسانلىقچە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
بۈگۈن بۇ يەردە كونكرېت ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن تۆۋەندىكى ئۈچىنى تونۇشتۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ سېمىز ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلنى تاللاپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىرىنچى ئۇسۇل: بەل ئايلانمىسىغا قاراش. كونىلاردا بەل ئايلانمىسى قانچە چوڭ بولسا، ئۆمرى شۇنچە قىسقا بولىدۇ دەيدىغان سۆز بار، بۇ سۆز ئاساسسىز ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بەل ئايلانمىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۆمرى مۆلچەردىكىدىن قىسقىراپ كېتىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەل ئايلانمىسىغا ئاساسەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنىمۇ ئاددىي ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. نورمال بەل ئايلانمىسى ئەرلەرنىڭ 85 سانتىمېتىردىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر بەل ئايلانمىڭىز 90 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، سەمىرىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا كونترول قىلىش كېرەك. ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر 85 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، سېمىزلەر قاتارىدا سانىلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بەل ئايلانمىسى بەدەن گۈزەللىكىنىڭ بىر ئۆلچىمى. ئىككىنچى ئۇسۇل، بۇ يەنە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل دەپ قارىلىدۇبەل ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن شەكلى پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بەل ئايلانمىسىنىڭ ئۆلچىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سېمىزلىك دەرىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى BMI گە، يەنى بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلىنىمىز. بۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى:
بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام) نى بوي ئېگىزلىكى (مېتىر) نىڭ 2 ھەسسىگە بۆلسەك چىققان نەتىجە BMI غا تەڭ بولىدۇ.
ئۇنىڭ كۆرسەتكۈچى بىلەن سېمىزلىك دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىچە : بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى نومۇر قويۇش جەدۋىلى . بۇ سانلىق مەلۇمات بىر ئادەتتىكى ئادەمنىڭ سېمىزلىك دەرىجىسىنى يۈزەكى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، يەنى چىققان نەتىجە 18~24 ئەتراپىدا بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ، 18 تىن كىچىك بولسا ئورۇق، 24 تىن چوڭ بولسا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق، BMI كۆرسەتكۈچىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارغا نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يوق. چۈنكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى بار كىشىلەردە مۇسكۇل ۋە ياغنىڭ نىسبىتى بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا BMI كۆرسەتكۈچىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ئاسانلا 24 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار «سېمىز» دەپ قارالمايدۇ. بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان BMI كۆرسەتكۈچىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، لېكىن «سېمىز» دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۈچىنچى ئۇسۇل، يەنى ئەڭ توغرا ئۇسۇل نۆۋەتتە بىر قەدەر توغرا بولغان پايدىلىنىش سانلىق مەلۇماتى بولسا ماي نىسبىتى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دېيىلگىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسى ئەمەس، لېكىن بەزى ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىدىمۇ ئوخشاشلا ماي نىسبىتىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. يەنى تېرە مېيى ئامبۇرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىككى قىسمىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئاندىن فورمۇلاغا سېلىپ، نىسبەتەن توغرا بولغان ماي نىسبىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بەدەن ماي نىسبىتى سېمىز-ئورۇقلۇقنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، سۈرەتتە رونالدونىڭ 14 يىللىق مۇسكۇل سېلىشتۇرمىسى، قارىماققا ئۇ 33 ياشلىق توپچىدەك كۆرۈنمەيدۇ.

 
 
بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: تېرە ماي ئامبۇرى ئارقىلىق يۇقىرىقى بىلەك قىسمى (يەنى چوڭ بىلەك ئويمىنى ئۈستى) ھەمدە دۈمبە (مۈرە تاغاق بۇلۇڭىنىڭ ئاستى) قىسمىدىن ئۆلچىنىدۇ، سانلىق مەلۇمات بىرلىكى مىللىمېتىر بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بەدەن زىچلىقىنى ھېسابلىنىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەرلەر
15 ~ 18 ياشقىچە بولغانلارنىڭ بەدەن زىچلىقى = (دۈمبە تېرە يېغى + يۇقىرىقى مۈچە تېرە يېغى) 1. 0977-0. 00146× 19 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بەدەن زىچلىقى = (دۈمبە تېرە يېغى + يۇقىرىقى مۈچە تېرە يېغى) 1. 0977-0. 00146×ئاياللار 15 ~ 18 ياشقىچە بولغانلارنىڭ بەدەن زىچلىقى = (دۈمبە تېرە يېغى + يۇقىرىقى مۈچە تېرە يېغى) 1. 0977-0. 00146× 19ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بەدەن زىچلىقى = (دۈمبە تېرە يېغى + يۇقىرىقى مۈچە تېرە يېغى) 1. 0977-0. 00146×ئۇنىڭدىن كېيىن بەدەندىكى ماي نىسبىتىنى ھېسابلاشقا بولىدۇ، يەنى بەدەندىكى ماي پىرسەنتى=
100× (4. 142-بەدەن زىچلىقى/4. 57)

 
 
تېرە مېيى ئامبۇرىدا تەكشۈرۈش ئورنى تۆۋەندىكىچە. سۈرەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشقان شەھەر ئاھالىسى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن لىچىن فوتوسى ئەمەلىيەتتە، ئەگەر بەدەن ماي ئامبۇرى بولمىسا، ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان BMI كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق ھېسابلاپ، بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىسە بولىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلاسى:
1.2×BMI+0.23×年龄-5.4-10.8×性别(男为1,女为0)
 
بەدەندىكى ماي نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىقارغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدىكى سېمىزلىك ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلەلەيسىز. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەندىكى ماي نىسبىتى ئەرلەردە %15 ~ %18، ئاياللاردا %25 ~ %28 بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بەدەندىكى ماي نىسبىتىڭىز مۇشۇ دائىرە ئىچىدە بولسا، بەدەن شەكلىڭىزنىڭ بىر قەدەر ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەگەر بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، سەمرىپ كەتكەن بولىسىز، ئورۇقلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
 
 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有