\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەھۋەنى كۈنىگە پەقەت ئىككى ئىستاكان ئىچىپ بەرگەن ئەڭ مۇۋاپىق

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-28 16:31
يېقىندا «ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى بىر-ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىش يۈرەككە پايدىلىق ئىكەن. بۇ تەتقىقات ئەنگلىيەدىكى 340 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپىغا كىرگۈزۈلگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى بىر-ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى قەھۋە ئىچمەيدىغانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بولۇش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەتىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11 ۋە %22 تىن ئاشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بەزى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قەھۋە ئىچكەندە ئادەم بەدىنىدىكى ياللۇغنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بولسا دەل دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى بىر-ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە، يۈرەك قان تومۇرىغا بېسىم پەيدا قىلماستىن بەلكى سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن.
جەنۇبى تىببى داشۆسى جەنۇبى دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى شۈ دىڭلى مۇنداق دېدى: قەھۋەنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىبلەر بار، مەسىلەن، كوففېئىن، كوففېئىن كىسلاتاسى، كوفېئىن ئالكوگول ۋە كارۋىئول قاتارلىقلار، قەھۋەنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، مېتابولىزمنى كۈچەيتىپ، چارچاشقا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

 
 
گەرچە قەھۋەنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. شۈ دىڭلى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قەھۋەنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك، زىيادە كۆپ كوففېئىن تەشۋىشلىنىش، نېرۋا زىيادە سېزىمچانلىق، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. گەرچە قەھۋەنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندا شېكەر، سۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى تەڭشەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەلىك قەھۋە ئىچسە، يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار ۋە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قەھۋە ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، ھامىلىدار ئاياللار كۆپ مىقداردا كوففېئىن قوبۇل قىلسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، تۇغۇتى قىيىن بولۇش ياكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى بىنورمال بولۇشتەك خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئادەتتە قەھۋەنى كۆپ ئىچمەيدىغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有