\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ تېرىسى ناچار بولىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-29 18:55
ھاراق ئىچىشنىڭ يالغۇز ئاشقازان–ئۈچەيگىلا تەسىرى بولماستىن، يەنە تېرىگە بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ياپونىيە دۆلەتلىك يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇستىسى ئىشىۋاكا مىيوشىنىڭ «جانلىق ئىشىك» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە، ھاراقنىڭ تېرىگە بولغان زىيانلىرى تەپسىلىي سۆزلەنگەن.
1. بەدەن ئېتىل ئالكوگول (ئىسپىرتنىڭ ئىلمىي نامى) نى پارچىلاش ئۈچۈن، بەدەندىكى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى خورىتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ھاراق ئىچىپ ئىككىنچى كۈنى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئېتىل ئالكوگولنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، بەدەندە كۆپ مىقداردا سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ھەتتا سۇسىزلاندۇرىدۇ. بۇ تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ، يۈزگە ئاسان قورۇق چۈشۈرىدۇ.
3. ئېتىل ئالكوگول پارچىلانغاندا، قان شېكىرى تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر شېكەرنى زىيادە قوبۇل قىلسا، تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئېشىپ كېتىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ، دانىخورەك چىقىدۇ.

 
 
4. ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچكەن كۈنى، كىشىلەر ھەمىشە ناھايىتى تەستە ئۇخلايدۇ، ئۇخلاپ قالسىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئويغىنىپ كېتىدۇ. ھاراق ئىچىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئىسپىرتنىڭ تېرىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاراقنى ئاز ئىچىشتىن باشقا، يەنە شېكەر تەركىبى كۆپ بولغان ھاراقنى ئاز ئىچىش، مەسىلەن، پىۋا، كوكتېل ھارىقىنى ئاز ئىچىش؛ ھاراق ئىچكەندە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە، ئېتىل ئالكوگولنىڭ پارچىلىنىشى تېز بولىدۇ؛ زاكۇسكىدا ياغ، تۇز تەركىبى ئاز بولغان يېمەكلىك تۈرىنى تاللاش، مەسىلەن، ئەسلى تەملىك قاتتىق پوستلۇق مېۋە، كۆكتات، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار؛ ئۇخلاشتىن ئىككى ئۈچ سائەت ئىلگىرى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有