\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ 15 خىل يېمەكلىك بەدەننىڭ شىپالىق گۆھىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-29 19:01
تۇرمۇشتا بەزىلەر بەك تېز قېرىيدۇ، بەزىلەر ھامان شۇنداق ياش كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىنىڭ تېز ۋە ئاستا بولۇشى تۇغما گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن باشقا، كېيىنكى يېمەك-ئىچمەكمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بەدەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 15 چوڭ قېرىشقا قارشى يېمەكلىك قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك، ئەمما تۆۋەندىكى قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك: 1. چاچ كالا سۈتى ۋە كاۋا ئۇرۇقىنى ياخشى كۆرىدۇ چاچ كالا سۈتىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، چاچنىڭ قويۇق بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك ئاقسىل بولۇشى كېرەك. ئادەتتە بىر ئىستاكان سۈت تەمىنلىگەن ئاقسىل تەخمىنەن يەتتە گىرام بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان بولسىلا ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى بىر چاڭگال كاۋا ئۇرۇقى يېسە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 2. ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى بۇرۇننىڭ ياخشى دوستى ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، رېئاكسىيە قىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بىر كۈندە بىر چاڭگال ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى يەپ بەرسە، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن E ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 90 ىنى تولۇقلايدۇ. 3. سەۋزە، تۇخۇم كۆز قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئاپېلسىن رەڭلىك كۆكتاتلار سەۋزە، كاۋا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول β - كاروتىن بولۇپ، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە نىسبەتەن تەبىئىي كۆز دورىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى كاروتېنوفىل، كسانتوفىل، كۆممىقوناق فلاۋونى قاتارلىقلار كۆزنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يېسە، بەش ھەپتىدىلا ئۈنۈمى بولىدىكەن.

 
 
4. تېرە پەمىدۇرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ پەمىدۇر ئەڭ ياخشى «ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى». چۈنكى ئۇنىڭدا تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى − پەمىدۇر قىزىل ماددىسى مول بولۇپ، ھەر كۈنى پەقەت 16 مىللىگىرام پەمىدۇر قىزىل ماددىسى ئىستېمال قىلسىلا، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملىنىشنىڭ خەتەرلىك كوئېففىتسېنتىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 5. كەرەپشە ۋە مايمۇن شاپتۇلى چىش ۋە چىش مىلىكىنى ئەڭ ئاسرايدۇچىش تالاسى يىرىك يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن كەرەپشە، سىز كەرەپشە چاينىغاندا، ئۇ چىشىڭىزنى بىر قېتىم چوڭ تازىلاپ، چىشىڭىزنى قۇرت يېيىش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سىز قانچە كۈچەپ چاينىسىڭىز، شۆلگەي شۇنچە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كىسلاتا-ئىشقار قىممىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تەبىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئادەتتە كەرەپشە، تەرخەمەك ۋە سەۋزىنى توغراپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا چايناپ، چىش مىلىكىنى ئۇۋۇلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر كۈنلۈك كۆكتات مىقدارىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. چىش ئەتراپى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، چىش ئاغرىقى ۋە چىش قاناش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى مايمۇن شاپتۇلى يېسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپلا قالماي، ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %50 تۆۋەنلىتىدۇ.

 
 
6. مۇسكۇل ۋە بوغۇملار زەيتۇن مېيىنى ياخشى كۆرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەردە مۇسكۇل، بوغۇم تېلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. زەيتۇن مېيى تەركىبىدە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بولغان زەيتۇن مېيى لازا ماددىسى بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ، مۇسكۇل بوغۇم ياللۇغى ساقايسا، قېرىش سۈرئىتى تەبىئىي ھالدا ئاستا بولىدۇ .7. سەرەبىل، ئۈزۈم شەربىتى يۈرەكنى ئەڭ ئاسرايدۇ سەرەبىل يۈرەك قان تومۇرىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، قاندىكى ماينىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەرەبىل تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسى يۇقىرى سىستېئىن كىسلاتاسىنى ئازايتىدۇ، بۇ بەدەندىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سۆسۈن ئۈزۈم شىرنىسى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئۈنۈملۈك دورىلار بولۇپ، يۈرەككە زىيانلىق ماددىلارنى تىزگىنلەيدۇ. 8. چوڭ مېڭە كاللەكبەسەينى ياخشى كۆرىدۇ نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت چوڭ مېڭىنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىمۇ كاللەكبەسەي يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى چېچەكسەي، كاللەكبەسەي قاتارلىق كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە «ئاتسېتىل خولىن» بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى كاپۇستا تۈرىدىكى ئىككى خىل كۆكتاتنى يېسە، مەسىلەن كاللەكبەسەي، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى %40 ئاستىلايدىكەن. كاللەكبەسەينى خام يېسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، سوغۇق سەي، سالات تەييارلاشقا بولىدۇ. پىشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەك ئۇزاق قىزدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

 
 
9. پۇرچاق بوتقىسى ئۈچەينى ئاسرايدىغان زەمبۇرۇغ توپى يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى قوغداپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. پۇرچاق بوتقىسى سېرىق پۇرچاقنى خام ئەشيا قىلىپ، ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، تەركىبىدە پايدىلىق باكتېرىيە بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا، قورۇما قورۇغاندا پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ قويسا ياخشى بولىدۇ. 10. چېچەكسەي سۈت بېزىنى ئاسرايدۇ يېڭى چېچەكسەي ناھايىتى ياخشى راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ، سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېنزىمنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان چېچەكسەي ئىككى خىل بولىدۇ. شىمالدىكى چېچەكسەي ئاق رەڭدە بولۇپ، گۈلى چىڭ بولىدۇ. جەنۇپتىكى چېچەكسەي يېشىل رەڭدە بولۇپ، گۈلى بوشراق بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىكى چېچەكسەي تەركىبىدە ۋىتامىن C، كاروتىن تېخىمۇ مول بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 11. ياڭاق كالپۇكنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇھەر كۈنى بىر نەچچە تال ياڭاق يېگەندە، سۇلۇق، نەمخۇش كالپۇكقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسى مېتابولىزمنى تەڭشەشكە پايدىلىق. كونا ياڭاق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ياڭاقنىڭ سۇ تەركىبى بىر قەدەر كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر تۆۋەن، لېكىن ۋىتامىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有