\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئائىلىدىكى رېتسىپى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-29 19:02
قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانچە كۈنگىچە تەرەت كەلمەيدۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالامەتلىك سىگنالى تىلغا ئېلىنسا، بىرىنچى بولۇپ يېمەك-ئىچمەك ۋە چىقىرىش كاللىمىزغا كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز قارىماققا ئېغىردەك بىلىنمەيدىغان، لېكىن تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىغان قەۋزىيەت توغرىسىدا پىكىرلىشىپ باقايلى.

 
 
قەۋزىيەت ئۈستىدە توختالغاندا، چوقۇم چوڭ تەرەتنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن بىز شۈ پىروفېسسورنى بىزگە چوڭ ئۈچەينىڭ تۈزۈلۈشى ۋە قەۋزىيەتنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى.

 
 
ئۈچەي يولىنىڭ تۈزۈلۈشى
چوڭ ئۈچەي ئۇزۇن قاچا ھالىتىدە بولۇپ، ئۈستىدە نۇرغۇن ھالقىسىمان پۈرۈلمە بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا يېمەكلىك ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇق ماددىلار ئۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلىك ھەجىمگە يەتكەندە، ئۈچەي يولى دىۋارىدىكى بېسىم رېتسېپتورىنى غىدىقلايدۇ، چوڭ مېڭە بۇ غىدىقلاش سىگنالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈچەيگە لۆمۈلدەش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۈچەيدىكى قالدۇق ماددىلار مەقئەت يۆنىلىشىگە قاراپ قانۇنىيەتلىك ئىلگىرىلەيدۇ-دە، ئادەمدە تەرەت قىلىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.
پەيدا بولغان تەرەت قىلىش سېزىمى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى قاندۇرۇش كېرەك
بىرىنچى، ئۈچەي يولى دىۋارىدىكى بېسىم رېتسېپتورىنى غىدىقلاشقا قارىتا يېتەرلىك ھەجىمى بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، قورساق بېسىمى بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئادەم بەدىنى قانۇنىيەتلىك تەرەت قىلالايدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى
ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل ئەزالار ھەرىكىتىگە قارىتا ئىلمىي ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى بولىدۇ، چوڭ ئۈچەيگە نىسبەتەن زەھەر ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەشتىن سائەت يەتتىگىچە بولىدۇ.
شۇنداقلا ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سىستېما، ئەگەر ئۇ مەلۇم مىقداردىكى تەرەتنى چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارىسا، چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان زەھەرلىك ماددا ۋە تەرەت بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا قانۇنىيەتلىك لۆمۈلدەش ھادىسىسى پەيدا بولمايدۇ-دە، بەدەندىكى بۇ كېرەكسىز ماددىلار چوڭ ئۈچەيدە ساقلىنىپ قىلىۋېرىدۇ. كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە چوڭ ئۈچەي گەرچە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرەلمىسىمۇ، لېكىن سۇنى سۈمۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا چوڭ تەرەت تېخىمۇ قۇرغاق، ھەجىمى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، ئەگەر ئىككىنچى كۈنىدىكى يېڭى تەرەتنىڭ ھەجىمىمۇ ئاز بولسا، ئۈچەيدە تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق دەۋرىيلىك ئايلىنىۋەرسە، نەچچە كۈندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئەھۋال بىز دائىم دەيدىغان قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 
 
پىروفېسسورنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتمىسى:
قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرى گۈرۈچ ۋە ئۇن تامىقىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، سۇنى ئاز ئىچىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بېسىمى ئېغىر، ئۇيقۇسى ناچار بولغاچقا، قەۋزىيەت ئازابى نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىناۋاتىدۇ.

 
 
شۈ پىروفېسسور كۆپچىلىككە سۇنى كۆپ ئىچىش، تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، قەرەللىك تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بېسىمنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىپ روھىي ھالەتنى تەڭشەش تەكلىپىنى بېرىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا قەۋزىيەتنىڭ ئازابىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

 
 
ئۇنداقتا قەۋزىيەتنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
شۈ پىروفېسسور يۇقىرىقى ئەسكەرتمىدىن باشقا، كۆپچىلىككە تۆۋەندىكى قائىدىنى يەكۈنلەپ سۇندى، ۋاقتىدا تەرەت قىلىشنى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، يەنى، ۋاقىت ۋە ئورۇن بەلگىلەپ تەرەت قىلىش، ئوبورنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، قاچان كەلسە شۇ چاغدا بېرىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تولۇقلاش قاتارلىقلار قەۋزىيەت باش قېتىنچىلىقىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

 
 
1. ۋاقىت ۋە ئورۇن بەلگىلەپ تەرەت قىلىش
تەرەت قىلىشتا ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت، ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇپ، ۋاقتى كەلگەندىلا دەرھال بېرىپ، ئۈچەينىڭ مۇقىم لۆمۈلدەش رېتىمىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا چىقىرۋەتسىلا بولىدۇ.

 
 
2. ھاجەتخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق
ئەڭ ياخشىسى ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى 3 ~ 5 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. چىقىرىلمىغان تەقدىردىمۇ، بەش مىنۇتتىن كېيىن چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، بىردەم ئايلىنىپ ياكى ئۆرە تۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئولتۇرسا بولىدۇ.
ئون نەچچە مىنۇت، ھەتتا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا تەرەت قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، مەقئەت-ئۈچەي كېسىلىنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 
 
3. قاچان كەلسە شۇ چاغدا بېرىش
شارائىت يار بەرسىلا، تەرەت قىلغۇسى كەلگەن ھامان دەرھال ھاجەتخانىغا بېرىش كېرەك. چۈنكى ۋاقتىدا ھاجەتخانىغا كىرمىگەندە، ئۈچەي يولىنىڭ «ئاكتىپلىقى» غا تەسىر يېتىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۈچەي مېڭىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 
 
4. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تولۇقلاش
تەرەت قىلىشقىمۇ تاماق يېيىشكە كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئۈچەي يولىنىڭ «ھاياتىي كۈچ» كە تولغان، ساغلام ھالەتتە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېتەرلىك مىقداردا ھاياتىي كۈچكە ئىگە پايدىلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有