\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەدەندىن تەرنىڭ كۆپ چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-24 15:55

 تەرلەش ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە . ئادەتتىن تاشقىرى نورمالسىز تەرلەش توغرىسىدا قىسقىچە خۇلاسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى . 

كۈندۈزى كۆپ تەرلەش : مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن ، كۈندۈزى ھەرىكەت قىلمىغان ياكى يېنىك ھەرىكەت قىلغان ئەھۋالدا ، دائىم تەر چىقىپ توختىمايدۇ ، دائىم بەدەن ئاجىزلىشىش ، گەپ قىلغاندا ئاۋازى تۆۋەنرەك بولۇش ، ئىشتىھاسى ناچار بولۇش ، ئاسان زۇكامداش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ . جۇڭيى تېبابىتىدە بۇ ماغدۇرسىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ ، يېمەك-ئىچمەكتە پىچەكگۈل، پۇرچاق سۈتى، كالا-قوي گۆشى قاتارلىقلارنى تاللاشقا بولىدۇ ، قانتېپەر ياكى كەتىرا بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇلغان توخۇنى ئىشلىتىپ ئورگانىزمنى قۇۋۋەتلىسىمۇ بولىدۇ . 

كەچتە كۆپ تەرلەش: ئۇخلىغاندا تەر چىقىپ، ئويغانغاندا تەر توختايدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە بۇ «ئوغرى تەر» دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل كىشىلەرنىڭ پۇت-قولى قىزىش، ئىچى سىقىلىش، يۈز قىسمى قىزىرىش، ئېغىز-يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە مەنپىيلىكنىڭ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، يېمەك-ئىچمەكتە گۈلسامساق، ئاق نەشپۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، قوي گۆشى، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىق ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

 

باش كۆپ تەرلەش : ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن باش ۋە يۈز قىسمى كۆپ تەرلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قورساق كۆپۈش، ئۇسساش، يېمەك-ئىچمەككە قىزىقماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېغىر ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان كۆپۈش، بەدەن قىزىش، تىل گېزى قېلىن ھەم سېرىق بولۇش قوشۇلۇپ كەتسە، تال ۋە ئاشقازاندا ھۆل ئىسسىق بولۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك مايسىزراق بولۇشى كېرەك. بالىلار ئۇخلىغاندا باش قىسمىنىڭ يېنىك دەرىجىدە تەرلىشى نورمال ھادىسە. 

قول-پۇت ئالقىنى كۆپ تەرلەش : ئەگەر پۇت-قول كۆپ تەرلەشكە پۇت-قول قىزىش، ئېغىز-يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىشىش قوشۇلۇپ كەلسە مەنپىيلىك ئاجىزلاشقان بولىدۇ. ئەگەر پۇت-قول تەرلەشكە، قورساق قىسمى تەرلەش، قورساق كۆپۈپ ئاغرىش، تەرەت راۋان بولماسلىق قوشۇلۇپ كەلسە، كۆپىنچە ئۈچەيدە تەرەت يىغىلىپ قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش دورىسى ئىچىشكە بولىدۇ. 

كۆكرەك قىسمى كۆپ تەرلەش : بىر قىسىم ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچى خادىملاردا روھىي جەھەتتىن چارچاش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش ، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ئۇ يۈرەك ۋە تالنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . 

 

ئوغرى تەر بىلەن ئادەتتىكى تەرنىڭ پەرقى : ئادەتتىكى تەرلەش كۈندۈزدىكى تەرلەشنى كۆرسىتىدۇ، ئازراق ھەرىكەت قىلسىلا بەدەن تەرلەيدۇ بۇ ئادەتتە ماغدۇرسىزلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بەدەننىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، تەرنى تۇتۇپ تۇرالماي، نورمالسىز تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوغرى تەر كېچىدە ئۇخلىغان چاغدىكى تەرلەشنى كۆرسىتىدۇ، كۈندۈزى ئويغانغاندا تەر ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ، بۇ ئادەتتە مەنپىيلىكنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有