ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەن ۋاقتىمىزدا چوڭ مېڭىمىزدە قانداق ئىنكاسلار يۈز بېرىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-29 08:38

11-ئاينىڭ 28-كۈنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مىننەتدارلىق بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بىزگە ئەتراپىمىزدىكى دوستلار، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگەتتى. ئۇنداقتا بىز تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەندە، چوڭ مېڭىمىزدە قانداق ئىنكاسلار يۈز بېرىدۇ؟ ئالىملار بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەپچىللىك بىلەن بىر تەجرىبىنى لايىھەلىگەن بولۇپ، تۆۋەندە چوڭ مېڭىنىڭ زادى قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:


بۇلتۇر «پىسخولوگىيەنىڭ ئالدىنقى سېپى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، لوس ئانژىلىس جەنۇبىي كالىفورنىيە داشۆسىدىكى گېلىن فوكىس ۋە جوناس كاپلان قاتارلىقلار ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىرى ھاسىل قىلىش (fMRI) ئارقىلىق مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېرۋا كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىشكە باشلىغان. بۇنىڭدا ھەر قانداق تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسۋىر ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، كوللېكتىپ چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر ماھىيەتلىك مەسىلە بار بولۇپ، تەجرىبىخانا مۇھىتىدا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل مۇھىتنى لايىھەلەپ چىقىش كېرەك ئىدى.

بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىملار نەزىرىنى USC Shoah فوندى جەمئىيىتىنىڭ كۆرۈش تارىخى ئارخىپىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغۇچىلارنىڭ ھېكايىسىگە ئاغدۇردى. ئارخىپنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق سىنئالغۇسىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھايات قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقات كوللېكتىپى ھەر بىر ھېكايە ئۈچۈن ئىككى مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى.


بۇ تەجرىبىدە قاتناشقۇچىلار ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا چۆككەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئالىملار بۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سكاننېرلىدى.

ئالدى بىلەن، ئالىملار ھەر بىر ھۆججەتلىك فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىشلەرنى سىناق تەرىقىسىدە كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سۇس كۆك رەڭلىك خىيالچان ئېكران 12 سېكۇنت داۋاملاشتى. خىيالچان ئېكراننى كۆرگەن قاتناشقۇچىلاردىن ئۇلاردىن ئۆزى تەسۋىرلىگەن ئەھۋالدىكى تۇيغۇنى ئىمكانقەدەر چوڭقۇر ۋە ھەقىقىي ھېس قىلىش تەلەپ قىلىندى. چوڭقۇر ئويلىنىش مەزگىلىدىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى ھېس قىلغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا نومۇر قويدى.

يۇقىرى نومۇرلۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئالدىنقى تۈگمىلىك پوستلاق قەۋىتى ۋە ئىچكى پېشانە پوستلاق قەۋىتىدىكى چوڭ مېڭە پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ نەتىجە ئاپتورنىڭ قىياسىنى دەلىللىگەن. يەنى: مىننەتدارلىقنىڭ نېرۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچى ئەخلاق تونۇشى، قىممەت ھۆكۈمى ۋە پىسخىك نەزەرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايونغا چېتىلىدۇ.

بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزى سوۋغات قوبۇل قىلمىغان شۇنداقلا نەتىجىنىڭ توغرىلىقىغا چەك قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئەھۋالغا بولغان ئىنكاسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، مىننەتدارلىق نېرۋا ئاساسىنى بېكىتىدىغان تۇنجى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەتىجە بىلەن تەمىنلىگەن. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە ئاپەت ئىچىدە ھېسداشلىق قىلىدىغان، قۇربان بېرىدىغان ۋە ئىنساننىڭ چوڭقۇر ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان قىلمىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئەسكەرتكەن.

جەمئىيەتتىكى دەل مۇشۇنداق چوڭ ياكى كىچىك بولغان ئاق كۆڭۈللۈككە تويۇنغان ئىش-پائالىيەتلەر بىزنىڭ ئەڭ داۋالغۇپ تۇرغان مەزگىلىمىزنى ۋە بىزنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى ئۆتكۈزۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان ئائىلە ۋە دوستلۇقتىن كەلگەن «سوۋغات» لارنى 12 سېكۇنت بولسىمۇ ئەسلەپ باقساق، ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىمىز بىزگە رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن شەيئىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەن ۋاقتىمىزدا چوڭ مېڭىمىزدە قانداق ئىنكاسلار يۈز بېرىدۇ؟

11-ئاينىڭ 28-كۈنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مىننەتدارلىق بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بىزگە ئەتراپىمىزدىكى دوستلار، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگەتتى.