ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەيدىز ھەققىدىكى بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەڭ! توغرا چۈشەنگەندىلا ۋەھىمە بولمايدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 08:42

سىزنىڭچە ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟ كۆپ سانلىق كىشىلەر «يۇقىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ؛ سىز ئەيدىز بىمارى بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟ كۆپ سانلىق كىشىلەر «خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ؛ سىز ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ دەپ قارامسىز؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەر «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى نەزىرىدە، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى قالايمىقان شەخسىي تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھېچنېمىنى خاتا قىلغىنى يوق، ئۇلار بەلكىم دوختۇر بولۇشى، كەسپى يۇقۇملىنىشتىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ئۇلار بەلكىم ساقچى بولۇشى مۇمكىن، زەھەر چەكلەش، زەھەر تازىلاش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇلار بەلكىم بىر گۇناھسىز بالا بولۇشى مۇمكىن، تۇغۇلۇپلا غايەت زور ئازابقا بەرداشلىق بەرمەكتە...
بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى، بىز كۆپچىلىككە ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىش، ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش، ئەيدىز كېسىلىدىن قورقماسلىق توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىمىز.
ئادەم نېمە ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
ئەيدىز ئەمەلىيەتتە ئاھاڭ ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان كېسەللىك نامى بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى» (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ AIDS دېيىلىدۇ)، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسىدىن (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ HIV دېيىلىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. بۇ خىل ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، بەدەندىكى راكنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ يۇقۇملىنىشىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا بىمارنىڭ يۇقۇملىنىشى ياكى ئۆسمە بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
● HIV ئەيدىز كېسىلىگە قانداق ئۆزگەرگەن؟
ئادەم بەدىنىنىڭ HIVدىن يۇقۇملىنىشى دەرھال ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى بەدىنىمىزدە كۈچلۈك مۇداپىئە-قوغداش سىستېمىسى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ بىزنى زەخىملىنىشتىن ئاسراپ، ساغلاملىقىمىزنى ساقلايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى بىر توپ ئىنتايىن مۇھىم ھۈجەيرىلەرگە باغلىق: CD4+T لىمفا ھۈجەيرىسى قىسقارتىلىپ CD4 ھۈجەيرىسى دېيىلىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى.
بىراق، ئادەم بەدىنى HIVدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، HIV ئالدى بىلەن CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇلار CD4 ھۈجەيرىسىگە بېسىپ كىرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان بىر CD4 ھۈجەيرىسى قارىداشقا باشلايدۇ-دە، HIV ۋىرۇسىنىڭ ۋىرۇس زاۋۇتىغا ئايلىنىپ، يېڭىدىن بىر HIV ۋىرۇسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاندىن بۇ يېڭى ۋىرۇس باشقا CD4 ھۈجەيرىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئادەم تېنىنى ئىشغال قىلىپ، ھەدەپ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ.
HIV ۋىرۇسى ئەمدىلا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغاندا، ئادەم بەدىنىدە ھېچقانداق غەيرىي سېزىم بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ ۋىرۇسلار ئوغرىلىقچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۆز قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بەدەنگە ئاستا-ئاستا ھۇجۇم قىلىدۇ. CD4 ھۈجەيرىسى بارغانسېرى ئازلاپ، HIV بارغانسېرى كۆپىيىپ، دۈشمەن بىلەن ئەسكىرىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى مۇداپىئە سېپىنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
HIVدىن يۇقۇملىنىشتىن ئەيدىز كېسىلىگىچە بولغان پۈتكۈل جەريان ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
1-باسقۇچ جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىل: تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ ھەپتە، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 ھەپتە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە قىززىش، باش ئاغرىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛
2-باسقۇچ يوشۇرۇن مەزگىلى: يەنى بىر قەدەر ئۇزاق بولغان كېسەللىك ئالامىتى يوق مەزگىل بولۇپ، ئادەتتە سەككىز-ئون يىل بولىدۇ، ئەمما بەزىلىرى تېزرەك بولىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىنلا كېسەللىك قوزغىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئاستىراقلىرى 10 يىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئىزچىل يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدۇ، كېسەللىك ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئىلگىرلىمەيدۇ؛
3-باسقۇچ ئەيدىز مەزگىلى: HIVنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، CD4 ھۈجەيرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، بارغانسېرى يوقاپ، ھەر خىل يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە پەيدا بولۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قايسى قىلمىشلار ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىدۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئەيدىز بىمارلىرى خۇددى زەھەرلىك يىلان، يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇلاردىن يۇقۇملىنىشتىن قورقىدۇ. دەل بۇنى چۈشەنمىگەچكە، مۇشۇنداق ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىش، مەسىلەن، ئاشخانا بۇيۇملىرى، قاچا-قۇچا، لۆڭگە، يوتقان-كۆرپە، تەرەت قاچىسى، داس، ئىشخانا بۇيۇملىرى، ئۈستەل-ئورۇندۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىنى تارقاتمايدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئاساسلىقى ئۈچ خىل بولىدۇ: جىنسىي يۇقۇش، قان ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش.
1. جىنسىي يۇقۇش: جىنسىي يۇقۇش دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ، قوغداش بولمىغان يات جىنسلىقلار ھەرىكىتى ۋە ئەرلەردىكى ئوخشاش جىنسلىقلار ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۆيۈشۈشكە كەلسەك، شۆلگەي تەركىبىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئادەتتىكى سۆيۈشۈش ئەيدىز كېسىلىنى تارقاتمايدۇ. بىراق، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان چوڭقۇر سۆيۈش، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن، يەنىلا ئەيدىز كېسىلى تارقىتىش خەۋپى بار، بىراق چىش مىلىكىدىن چىققان قان مىقدارى بەك ئاز، شۆلگەيگە ئارىلىشىپ سۇيۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، تارقىلىش خەتىرى ئىنتايىن كىچىك، ھەتتا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
2. قاندىن تارقىلىش: ئاساسلىقى بىخەتەر بولمىغان قاننى كىرگۈزۈش ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش. ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ۋېناغا زەھەر ئۇرۇشمۇ قان ئارقىلىق تارقىلىشقا تەۋە.
3. ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىشى: تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەگەر مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى بالا ھەمراھى، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى بالىغا يۇقتۇرىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەڭ!
بىرىنچى پىتنە-ئىغۋا: ھەمجىنىسلار ئەيدىز كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ
ھەمجىنىس يەنى گوموسېكسۇئالىزم كىشىلەرنىڭ «ئۆزىگە ئوخشاش جىنسىي يۆلىنىشى»نى كۆرسىتىدۇ، ئەيدىز كېسىلىدىن ھەقىقىي يۇقۇملىنىدىغىنى يەنىلا «قىلمىش»، مەسىلەن، ھەمجىنىس ئەرلەر. ئەگەر ئىككى ئادەم ئوخشاش جىنسلىق ھەم بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ماھىيەتلىك ھەرىكەت يۈز بەرمىگەن بولسا، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانمايدۇ.
ئەرلەر ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆرلەش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولماقتا، ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا بۇ خىل جىنسىي ھەرىكەت ئۇسۇلىدا مەقئەت ئالاقىسى كۆپرەك قوللىنىلغانلىقتىن، ئالدى جىنسىي يول ئالاقىگە قارىغاندا شىللىق پەردە قاناشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۈز ئۈچەينىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلىشىمۇ ۋىرۇسنىڭ بېسىپ كىرىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش جىنىسلىقلار ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن خېلى يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر مەقئەت ئالاقە ئوبيېكتى، مەقئەت ئالاقە قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئىككىنچى پىتنە-ئىغۋا: يېمەكلىككە قان تامچىلىتىپ قويسا ئەيدىز كېسىلى تارقىلىدۇ
بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭنىڭ چوڭ تەخسىلىك توخۇسىغا قان تېمىتىپ ئەيدىز كېسىلى تارقىتىش دەيدىغان خەۋەرلەر تارقالغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەن سىرتىدا (تېرىمۇ بەدەن سىرتىغا تەۋە) ھايات تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۆپىيىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئادەم يۇقۇملىنالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك يەنە پىشۇرۇلغان بولغاچقا، ھارارەت بولىدۇ، يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسى ئارقىلىق ۋىرۇس ئاللىبۇرۇنلا ئۆلتۈرۈلگەن، شۇڭا كاۋاپ، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئۈچىنچى پىتنە-ئىغۋا: HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىدىكى CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلالايدىغان ۋىرۇس بولۇپ، بۇ خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر توغرا داۋالانسا، HIV ۋىرۇسىنى نەچچە ئون يىل ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ، تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلانمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسەللىكىگە كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى HIVنى ئېلىپ يۈرگەن بولۇش ھەمدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ياكى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 200/ul دىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى پىتنە-ئىغۋا: ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۇزۇن ياشىيالماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا، نۆۋەتتە يەنىلا كوكتېل ھارىقى ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، خۇددى كوكتېل ھارىقىغا ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى بىر يەرگە قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، نىشان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ زور چەكتە تىزگىنلەپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىز ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلساقلا، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولمايدۇ، بىمار ئۇزاق مۇددەت ياشىيالايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر HIVدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن يىل ياشىيالايدۇ، مۆلچەرلەنگەن ئۆمرىگە ئاساسەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بەشىنچى پىتنە-ئىغۋا: قان تەقدىم قىلىش ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىدۇ
90-يىللاردا جۇڭگودا ھەقىقەتەن قان پلازمىسى سېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى مەۋجۇت ئىدى. ھازىر قان تەقدىم قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قان ئېلىش يىڭنىسى، قان خالتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق بولىدۇ، شۇڭا قان تەقدىم قىلىپ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس.
لېكىن بىز خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قان تەقدىم قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، خەتەرلىك كىشىلەر توپى دېگەندە ئەر ئوخشاش جىنسلىقلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلەر، زەھەر چەككۈچىلەر، جىنسىي مۇناسىۋەتتە قالايمىقانلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، «كۆزنەك مەزگىلى» مەۋجۇت بولىدۇ، يەنى ئەمدىلا يۇقۇملانغان چاغدا، ھازىرقى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قان چىقمايدىغان HIV ياكى ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلىدۇ. كۆزنەك مەزگىلى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغاچقا، قان سېلىشتىن كېلىپ چىققان HIV يۇقۇملىنىشتىن يەنىلا پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا قان سېلىشتا يەنىلا بەلگىلىك يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېجەشلىك بولۇشقا بولمايدۇ!
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش ئۇسۇلى جىنسىي يۇقۇش، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گاندوننى توغرا ئىشلىتىش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەدبىر. بولۇپمۇ سۆزنەك، تامچە قۇرت كېسىلى، ئەيدىز قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى (ئاساسلىقى ئىسپېرما، جىنسىي يول سۇيۇقلۇقى) ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئوخشاش، ئېمۇلسىيە بىخەتەرلىك قاپچۇقى بەدەن سۇيۇقلۇقىنى ناھايىتى ياخشى توسۇپ قالالايدۇ، شۇڭا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنى توسۇش، HIVنى توسۇش دورىسىنى قانچە بالدۇر ئىچسە شۇنچە ياخشى!
«جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش قوللانمىسى (2018)»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەگەر HIV ياكى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى (مەسىلەن، ئەر ھەمجىنسلار، زەھەر چەككۈچىلەر ياكى جىنسىي ھەرىكەت خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار) بىلەن قوغداش خاراكتېرىدە بولمىغان خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرسە، ئىلاجنىڭ بېرىچە ئەڭ قىسقا مۇددەتتە (ئىككى~24 سائەت، 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ) HIVنى توسۇش دورىسىنى ئىچكەن بولسا، يەنە كېلىپ ئۇدا 4 ھەپتە (28 كۈنگىچە) HIV ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى %90تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن HIVنى توسۇش دورىسىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؟ چۈنكى، 72 سائەت ئىچىدە HIV تېخى دەسلەپكى يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەردىن باشقا ھۈجەيرىلەرگە تارقالمىغان، بۇ ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش HIVدىن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى يېپىق ھالەتتە ئايرىۋەتكەنگە باراۋەر بولۇپ، يېڭى ھۈجەيرە بىلەن يۇقۇملانمىغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئايرىۋېتىلگەن ۋىرۇس ۋە ھۈجەيرىلەر ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ، ئاندىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تازىلىنىپ، ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ئۆزىنى پاك تۇتۇش، پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش، زەھەر چەكمەسلىك، باشقىلار بىلەن شپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك؛
2. مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل داۋالىتىش، قان بېرىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، ئۆز مەيلىچە قان سالماسلىق ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3. ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، قېنى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، باشقىلار تەرىپىدىن بۇلغانغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەيدىز ھەققىدىكى بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەڭ! توغرا چۈشەنگەندىلا ۋەھىمە بولمايدۇ

سىزنىڭچە ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟ كۆپ سانلىق كىشىلەر «يۇقىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ؛ سىز ئەيدىز بىمارى بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟ كۆپ سانلىق كىشىلەر «خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ؛ سىز ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ دەپ قارامسىز؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەر «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.