ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 08:47

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەشۋىقاتنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنچە ناتونۇش ھەم قورقۇنچلۇق بىلىنمەيدىغان بولدى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يۇقۇش يولى بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھازىر قان ئېلىش ۋە قان بېرىش جەريانىدىكى تەكشۈرۈش، داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۆلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ قان تەقدىم قىلغاندا قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋاستىسى كۈچەيگەن بولغاچقا قان سالدۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنىدى. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىغا كەلسەك، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «توسۇغۇچى دورا» ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بولغانىدى. شۇڭلاشقا ھازىر ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئىچىدە جىنسىي ئۇچرىشىش يولى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلانغانىدى.
قاپچۇقسىز مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى
ناۋادا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنە قاپچۇقسىز ئەھۋالدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدى، لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ تېرىسىدە ئېچىلىپ قالغان يارا ئېغىزى يوق دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى زاى قانچىلىك؟ تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ ئەرلەرگە يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى 1/1000~1/100 گىچە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى 1/1000~4/1000 گىچە بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ياكى ئاياللارغا يۇقتۇش ئېھتىماللىقى بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.

لېكىن يۇقارقى يەكۈن پەقەت چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا چىقىرىلغان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يەنىلا شۇ شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا %50 بولىدۇ، يەنە ياكى يۇقۇپ قالىدۇ ياكى يۇقمايدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە قاپچۇق ئىشلىتىش ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك قوغدىنىش تەدبىرى بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار:
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ شەرتلىرى: 1: قارشى تەرەپنىڭ تېنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇش؛ 2: قارشى تەرەپ ئېلىپ يۈرۈۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى زور بولغان بولۇش شۇنداقلا ئەزەلدىن دورا يەپ كونترول قىلىنمىغان بولۇش؛ 3: يارا ئېغىزى ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىۋاستە ئۇچرىشىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىزدىن يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار شۇنداقلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلىمىغان بىمارلارنىڭ باشقىلارغا ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور بولۇپ، ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى 1/10 گە يېتىدۇ.

«خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت»كە ئالاقىدار خاتا قاراشلار
«خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت» تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھاللا ياشلىق ھەۋىسى ئۇرغۇپ تۇرغان قاۋۇل، تېمەن ياشلار كېلىدۇ، لېكىن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئائىلىسىدە قارانچۇقسىز ياشاۋاتقان بويتاق ياشانغانلاردىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
«خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت» خەۋپى ھەمجىنىسلار ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس بەلكى يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا مۇقىم جىنسىي ھەمراھى بولماسلىق شۇنداقلا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئامىللارمۇ «خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت» دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ.
قان سۇيۇقلۇقىدىن باشقا يەنە ئىسپېرما، ئانا سۈتى ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تەركىبى يۇقىرى.
«خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت»تىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش تەدبىرى
ناۋادا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلسە، لېكىن قاپچۇق ئىشلىتىلگەن شۇنداقلا بەدەندە ھېچقانداق يارا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچى ئادەتتە 2 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولۇپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن كېيىن HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈش لازىم. ناۋادا قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانسىڭىز ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكى تولۇق جەزىملەشتۈرۈلسە شۇنداقلا قاپچۇقسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئېچىلىپ كەتكەن يارا ئېغىزى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشقان بولسىڭىز، دەرھال يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ «توسۇغۇچى دورا» ئېلىپ يەڭ، بۇ خىل دورىنى ئەڭ ياخشىسى خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە يېيىش، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 72 سائەت ئىچىدە يېيىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى %90 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەشۋىقاتنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنچە ناتونۇش ھەم قورقۇنچلۇق بىلىنمەيدىغان بولدى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يۇقۇش يولى بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.