ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرالامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 08:54

بالىلار قىززىپ قالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار «قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى» ئىشلىتىپ بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرۇشنى تاللايدۇ ھەم ئۆيدە دائىم قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى ساقلايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرالايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما بەزىبىر ئاتا-ئانىلار قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقىنىڭ رولى چوڭ ئەمەس، دەپ قارىغان.
قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقىنىڭ ئۈنۈمىگە قارىتا، يېقىندا، بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى جىن رۇينى زىيارەت قىلدى، جىن رۇي مۇنداق دېدى: قىزىتمىنى قايتۇرۇش چاپلىقىنىڭ تېمپېراتۇرانى قوشۇمچە تۆۋەنلىتىش رولى بار، بالىلار قىززىغان چاغدا ئۇنى ئىشلەتسە ئازدۇر-كۆپتۇر راھەتلىك ھېس قىلىدۇ.

جىن رۇي ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقىنىڭ ئۈنۈمىگە تامامەن ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ناۋادا قىزىتما 38.5 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، يەنىلا قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇراسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرالامدۇ؟

بالىلار قىززىپ قالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار «قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى» ئىشلىتىپ بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرۇشنى تاللايدۇ ھەم ئۆيدە دائىم قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى ساقلايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرالايدۇ، دەپ قارىغان.