ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار قانچە ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئېلېكترونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتسە بولىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-09 09:38

ئادەتتە بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار بالىلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەپ چىقاردى، لېكىن كۆپ قىسمىنىڭ تىترەش چاستوتىسى يېتەرلىك ئەمەس، ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلار ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنىڭ تىترىشى ۋە ئاۋازىغا كۆنەلىسە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئادەتتە بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچنى تېجەيدۇ، تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئادەتتىكى قول بىلەن ئىشلىتىدىغان چىش چوتكىسىغا قارىغاندا %38 كۆپ مىكروبلارنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ چىش چوتكىلاش قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىكەن، لېكىن ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا ۋە ئىشلىتىش ۋااقتى يېتەرلىك بولسا، قول بىلەن چوتكىلايدىغان چىش چوتكىسىدىمۇ ياخشى بولغان چىش تازىلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار 8-6 ياشقىچە بولغاندا ئاندىن يالغۇز چىش چوتكىلىسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن چوقۇم ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا چىش چوتكىلاش لازىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلار قانچە ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئېلېكترونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتسە بولىدۇ؟

ئادەتتە بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.