ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەش خىل ساغلام ئادەت كېسەلسىز ياشاش ۋاقتىڭىزنى 10 يىل ئۇزارتىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 09:11

ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدۇ، يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن چاغان كېلىدۇ. چاغاندا «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەندەك گەپلەرنى كۆپرەك قىلىش، تىنچ-ئامانلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىمۇ كۆپرەك ئارزۇ قىلىش كېرەك. ھالبۇكى، ساغلام بولۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى.



ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلاملىقنى مۇكەممەل بىر ئۇقۇم سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 21-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا قەدەم قويدۇق، ئەمدى بولغاندا پەقەت ئۇزۇن ياشاشنىلا قوغلىشىپ قالماي، يەنە سۈپەتلىك ياشاشنىمۇ ئويلىشىش كېرەك، كېسەل بولمىسا، بىر يېرى ئاغرىمىسا، ئاندىن ھېساب. قېرىغاندا قاۋۇل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما ساغلام بولۇشىڭىز كېرەك.

بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، قاچاندىن باشلاپ تىرىشسىڭىز بولىۋېرىدۇ، 50 ياشتىن باشلاپ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز!

«ئەنگلىيە تېببىي ژۇرنىلى» (BMJ)نىڭ يېقىنقى سانىدا، خارۋارد داشۆسى چېن زېڭشى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خۇ بىڭجاڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ مۇنداق بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى: «50 ياشتىن باشلاپ، بەش خىل ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش <ساغلام ياشاش ۋاقتى>نىڭ ئون يىل ئۇزىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

كىشىلىك ھاياتتا قانچە ئون يىل بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل يوق، ئاپەت يوق يىللاردىنچۇ؟

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 4-5 خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرغان ئادەم 50 ياشتىن كېيىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولمايدۇ ۋە 2-تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولماسلىق ۋاقتى 31-34 يىلغا يېتىدۇ، يەنى بۇلارنى پۈتۈنلەي قىلالمايدىغان ئادەملەردىن توپتوغرا 10 يىل كۆپ بولىدۇ!

بۇ تەھلىلنىڭ سانلىق مەلۇماتى جەمئىي 110 مىڭدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىشتىن كەلگەن، زىيارەت ۋاقتى ۋە ئەۋرىشكە مىقدارىمۇ يېتەرلىك.
بۇ بەش خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەزەلدىن تاماكا چەكمەسلىك؛

2. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى BMI قىممىتى 18.5-24.9 بولغان دائىرە ئىچىدە بولۇش؛

3. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش (30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك)؛

4. مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىش (ئىسپىرت سەرپىياتى ئەرلەر كۈنىگە 5-30 گىرام، ئاياللار 5-15 گىرام)؛

5. يېمەك-ئىچمەك سۈپىتى يۇقىرى بولۇش (ساغلاملىق دەرىجىسى نومۇرى كىشىلەر توپىدا ئالدىنقى %40نىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ)
بىر قېتىمدىلا يۇقىرىقى بەش خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسىنى قىلالمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئەمما بىر خىلى كۆپ بولسا پايدىسى بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەش خىل ساغلام ئادەت كېسەلسىز ياشاش ۋاقتىڭىزنى 10 يىل ئۇزارتىدۇ

ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدۇ، يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن چاغان كېلىدۇ. چاغاندا «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەندەك گەپلەرنى كۆپرەك قىلىش، تىنچ-ئامانلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىمۇ كۆپرەك ئارزۇ قىلىش كېرەك. ھالبۇكى، ساغلام بولۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى.