ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا نەپەس توختاپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىڭىز بەلكىم تىلىڭىز «بەك سېمىز» بولۇشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 09:18

سىزنىڭ تىلىڭىز «سېمىز» مۇ؟

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ بىر مەنىسىز سوئال ئەمەس ئىكەن. ئەگەر سىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا «سېمىز تىل» سىزدىكى كېچىدە خورەك تارتىش، نەپەس توسۇلۇش، دەم سىقما ياكى ئارىلاپ نەپەس توختاپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ ئالامەتلەر سىزنىڭ ئۇيقۇڭىز ۋە سالامەتلىكىڭىزنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.



ئەمدىكى مەسىلە بولسا، ئەگەر تىلىڭىزدىكى ماينى كېمەيتەلىسىڭىز ئۇيقۇڭىز ياخشىلىنىپ نەپەس ئېلىشىڭىز نورماللىشىپ قالامدۇ؟ ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى ئۇيقۇ مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور سىۋابنىڭ جاۋابى بولسا «شۇنداق».

ئۇ بولسا 10-چېسلا «ئامېرىكا نەپەسلىنىش ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر مېدىتسىنا ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، سېمىزلىك بولسا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى ئىكەن. سىۋاب ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن سېمىزلەرنىڭ تىلىنىڭ چوڭلۇقى، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ بولىدىغانلىقىنى، تىلدىكى ياغ مىقدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقالغان. يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پۈتۈن بەدەندىكى ماينى ئازايتقاندا تىلىنىمۇ «ئورۇقلاتقىلى» بولىدىكەن.



جەنۇبىي كالىفورنىيە داشۆسى كەيكې تېببىي شۆيۈەنى (Keck Medicine) نىڭ ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى داسگۇپتا دوكتور بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان بولسىمۇ لېكىن مۇنداق دېدى، «بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئارتۇقچە ماي مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق تىلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ».

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ يېڭى ماقالىدە تەتقىقاتچىلار 67 نەپەر سېمىز بىمارنىڭ ئېغىرلىقىنى %10 ئازايتقان ھەمدە يادرو ماگنىتلىق رېزونانستا تەسۋىر ھاسىل قىلىش (MRI) ئارقىلىق نەپەس يولىنىڭ تەسۋىرىنى چۈشۈرگەن. سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تىل مېيىنى ئازايتىش بولسا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىكى توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس توختاپ قېلىش كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنىدىكى سەۋەبلەرنىڭ %31 نى تەشكىل قىلىدىكەن».

پېنسىلۋانىيە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى ئۇيقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىۋاب مۇنداق دەيدۇ «ئەمەلىيەتتە، تىلدىكى ياغ قانچە ئازايسا سىزنىڭ نەپىسىڭىز شۇنچە راۋان بولىدۇ».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا نەپەس توختاپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىڭىز بەلكىم تىلىڭىز «بەك سېمىز» بولۇشى مۇمكىن

ئەگەر سىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا «سېمىز تىل» سىزدىكى كېچىدە خورەك تارتىش، نەپەس توسۇلۇش، دەم سىقما ياكى ئارىلاپ نەپەس توختاپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن،