ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۈشۈپ كەتكەن چاچنىڭ ئۇچىدىكى ئاق رەڭلىك دانچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:51

بىز چۈشۈپ كەتكەن چاچنىڭ يىلتىزىدا دائىم بىر ئاق رەڭلىك دانچىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئەجەبا تۈك خالتىسى چاچ بىلەن تەڭ چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ؟
تۈك خالتىسى زادى چۈشۈپ كېتەمدۇ؟

چاچنىڭ تۈك خالتىسى باش تېرىسىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، چاچ تەبىئىي چۈشۈپ كەتكەندە تۈك خالتىسى چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بۇ خۇددى بىز دائىم دەيدىغان «يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش» قا ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە دەرەخنى يۇلغاندا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس، ھەممىمىزگە مەلۇم، دەرەخ يىلتىزىنىڭ يەر ئاستىدا سوزۇلغان كۆلىمى دەرەخ تاجىسىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلىسىمۇ دەرەخ غولى بىلەن بىر قىسىم دەرەخ يىلتىزى ئۈزۈلۈپ چىقىدۇ خالاس، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.

«چاچ» نىڭ ئىلمىي نامى چاچ غولى بولۇپ، تۈك خالتىسى خۇددى دەرەخ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، دەرەخ يىلتىزى ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىسە، دەرەخ غولى قۇرۇپ يىقىلىپ چۈشىدۇ، تۈك خالتىسى چاچقا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمىسە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، چاچنى كۈچەپ تارتقان تەقدىردىمۇ، پەقەت تۈك خالتىسى زەخىملىنىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز تۈك خالتىسىنى يۇلۇۋەتمەيدۇ.

تۈك خالتىسى پەقەت يېپىلىپ قالىدۇ، چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا چۈشكەن چاچنىڭ ئۇچىدىكى ئاق رەڭلىك دانچە زادى نېمە؟
چاچتىكى ئاق رەڭلىك دانچىلار ياغ دانچىلىرى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ چاچ بىلەن تەڭ چۈشۈپ كەتكەن تۈك خالتىسى ئەمەس.

لېكىن، چاچتا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى ماي دانچىلىرى تېرە يېغى ۋە مايلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماي تەر تۆشۈكچىلىرىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئاسانلا چاچ يىلتىزىغا تىنىپ قېلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچلۈك ئادەمدە ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىرسىيەت ئامىلى؛ يەنە بىر خىلى، كېيىنكى تۇرمۇش ئادىتى.
زادى قانداق قىلمىشلار ياغ دانىچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟
ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر

ئادەتتە مايلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغان ئادەم ماينى كۆپ چىقىرىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مايلىق بولسا جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، قان ئايلىنىش ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاخىرىدا تېرە ياغ بەزلىرىمۇ غىدىقلىنىپ كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت باش كىيىم كىيىش
چېچىمىزنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاجىز، ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. باش كىيىمنىڭ بېسىشى باشنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، باشتا ئۇزاق ۋاقىت ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ، بولۇپمۇ چاچ تۇتاشقان جاي باش كىيىمنىڭ بېسىشىغا ئۇچراپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاچ يۇيۇش ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق
چاچنى پاكىز يۇيماسلىق چاچنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چاچنى پاكىز يۇيمىسا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چاچ ئاسراش مەلھىمى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى چاچتا ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىسىز، ھەتتا تۈك خالتىسى توسۇلۇپ قېلىپ، چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق
ئەگەر ئارام ئالىدىغان ۋاقىت يېتەرلىك بولمىسا، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى داۋاملىق روھلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. چاچنىڭ سالامەتلىكى ياخشى قان ئايلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇنداق ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا، تۈك خالتىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، تۈك خالتىسى يىگىلەپ ۋە ئۆزگىرىپ، ھەر خىل چاچ مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
مايسىز يېمەك-ئىچمەك
مايسىز يېمەكلىكلەر سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، چاچنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق، چاچنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرمايدۇ، شۇڭا مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، چاچقا ساغلام ئۆسۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئەستايىدىل چاچ يۇيۇش
چاچنى ئەستايىدىل يۇيۇش بەك مۇھىم. چاچ ھەر كۈنى نۇرغۇن ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭا چاچنى پات-پات يۇيۇپ ئارتۇقچە مايلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلام مەھسۇلاتنى تاللاپ، باش تېرىسىنى ئۈنۈملۈك تازىلاش، چاچقا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، قول تىرنىقى بىلەن باش تېرىسىنى تاتىلاشقا، چاچ سوپۇنىنى بىۋاستە چاچقا تۆكۈشكە بولمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۈشۈپ كەتكەن چاچنىڭ ئۇچىدىكى ئاق رەڭلىك دانچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

بىز چۈشۈپ كەتكەن چاچنىڭ يىلتىزىدا دائىم بىر ئاق رەڭلىك دانچىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئەجەبا تۈك خالتىسى چاچ بىلەن تەڭ چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ؟