ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قان بېسىمى توغرىسىدىكى كۈندىلىك سەككىز بىلىم

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:41

يۇقىرى قان بېسىم بەدەن قان ئايلىنىش بېسىمىنىڭ بىنورمال ئۆرلىشىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان كلىنىكىلىق يىغىندا كېسەللىك، ھازىرقى جەمئىيەتتە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىشنى يەنىلا كۈندىلىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن يۇقىرى قان بېسىم توغرىسىدىكى بىلىملەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

1. تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

كالىي بەدەندە ناترىينىڭ زىيانلىق تەسىرىنى پەسەيتىپ، ناترىينىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، دېڭىز يۈسۈنى، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامىنارىيە، لۇڭيەن، ئەنبەھ، بانان قاتارلىقلارنى دائىم يەپ بەرسە بولىدۇ، قىچا، كۈدە، موگۇ، پەمىدۇر، ئىپوس، قىزىل بۇغداش، يېشىل بۇغداش قاتارلىقلارمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

2. ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ۋىتامىن C قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق. يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەر دائىم ۋىتامىن C نىڭ يېمەكلىكلىرىنى يەپ بەرسە ياخشى بولىدۇ، مەسىلەن، ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى، ئالما، يېڭى چىلان، بۆلجۈرگەن ۋە يېشىل كۆكتات قاتارلىقلار. ياكى ھەر كۈنى 60 مىللىگىرام ۋىتامىن C تابلېتكىسى ئىچسىمۇ ئوخشاش رول ئوينايدۇ.

3. ئەتىگەندە زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

قان بېسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 ~ 10 لاردا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئامال بار سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلماسلىق، بولۇپمۇ ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلىش ياكى ھاۋا سوغۇق بولغاندا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە زىيادە چارچاپ كېتىپ، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

4. قەھۋەنى ئاز ئىچىش كېرەك.

قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن بولۇپ، كوففېئىن نېرۋىنى غىدىقلاپ، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىدۇ، قان بېسىمىمۇ يېنىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قەھۋەنى ئاز مىقداردا ئىچسە تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، ئەمما قەھۋەنى كۆپ مىقداردا ئىچىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئادەتتە قايناقسۇ ئىچىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك، سۇس چاي ئىچىشمۇ تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

5. دائىم سامساق يەپ تۇرۇش كېرەك.

سامساق خولىستىرىننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا سامساق مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا قان بېسىمىنى تەڭشەش رولى بار. ھەر كۈنى 2-3 تال يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بىر قېتىمدىلا كۆپ يەۋەتمەسلىك كېرەك.

6. مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەر

بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، مەسىلەن، كەرەپشە، پىياز، لامىنارىيە، قارا قېرىنقۇلاق، ماش، قىچا، قىشلىق موگۇ، چىلان قاتارلىقلار.

7. تاماقتىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك.

تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىپ بەرگەندە، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلانسا، قان بېسىمى تەخمىنەن ئالتە مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلەيدۇ. ئاپتاپقا قاقلانسا بەدەندە ۋىتامىن D3 پەيدا بولىدۇ، ئۇ كالتسىي بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئارتېرىيە قان بېسىمىنى كونترول قىلىدۇ.

8. تىنچ مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، ئارام ئېلىش كېرەك.

تىنچ مۇھىت كەيپىياتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، بۇنداق ۋاقىتتا قان بېسىمىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ، ئەگەر دائىم ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرغاندا، قان بېسىمى دائىم يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ.

شۇڭا، خىزمەت قىلىش ياكى ئارام ئېلىش ئۈچۈن تىنچ مۇھىت يارىتىش كېرەك. بۇ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قان بېسىمى توغرىسىدىكى كۈندىلىك سەككىز بىلىم

يۇقىرى قان بېسىم بەدەن قان ئايلىنىش بېسىمىنىڭ بىنورمال ئۆرلىشىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان كلىنىكىلىق يىغىندا كېسەللىك، ھازىرقى جەمئىيەتتە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ