ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانداق كىشىلەر يەر ياڭىقى يېسە بولمايدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:17

بەزى كىشىلەر يەر ياڭىقىنىڭ ماي مىقدارى %50 كە يېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى يەر ياڭىقى يېمەسلىك كېرەك، دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، يەر ياڭىقى ھەقىقەتەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېيىشكە ماس كەلمەمدۇ؟

يەر ياڭىقىنىڭ ماي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما يەر ياڭىقى تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ياغ كىسلاتاسىغا تەۋە. شۇڭا، بىز كۆپچىلىككە تۇرمۇشتا مۇۋاپىق مىقداردا يەر ياڭىقى يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىراق، يەر ياڭىقى يېگەندە مىقدارىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، بەدەن شارائىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ يەر ياڭىقى يېيىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ.

يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بىر كۈندە يەيدىغان ئومۇمىي يەر ياڭىقى مىقدارى يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئادەتتە 20 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، 15-20 گرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، مېغىز بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ تەخمىنەن 30 تال ئەتراپىدىكى يەر ياڭىقى مېغىزىغا باراۋەر. مايدا پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقى مېغىزى يېيىشكە بولمايدۇ، سۇدا پىشۇرۇشقا بولىدۇ، خام يېسىمۇ بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، يەر ياڭىقىنى مۇۋاپىق يەپ بېرىشنىڭ قاندىكى ماينى كونترول قىلىشقا قارىتا زىيانلىق تەرىپى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تەۋسىيە قىلىنغان مىقداردىن ئېشىپ كەتسە، زىيانلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈندە يەيدىغان يەر ياڭىقى مېغىزى 50 گرامدىن ئېشىپ كەتسە، قاندىكى ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ماينى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، بەلكى قاندىكى ماي مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆت خالتىسى ياللۇغى بىمارلىرى جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە يەر ياڭىقى يېمەسلىكى كېرەك. ئۆت خالتىسىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە ئامال بار يەر ياڭىقى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆت خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئاستا خاراكتېرلىك ئۆت خالتىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا يەر ياڭىقىنى مۇۋاپىق يېسە بولىدۇ، لېكىن يېگەندە ئۆت خالتىسى كېسەللىكىنىڭ جىددىي قوزغىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل بىمارلار يەر ياڭىقىنى باشقا ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە يېسە بولمايدۇ، بولمىسا «ماي ئۈستىگە ماي قۇيۇلۇپ»، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانداق كىشىلەر يەر ياڭىقى يېسە بولمايدۇ؟

بەزى كىشىلەر يەر ياڭىقىنىڭ ماي مىقدارى %50 كە يېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى يەر ياڭىقى يېمەسلىك كېرەك، دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، يەر ياڭىقى ھەقىقەتەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېيىشكە ماس كەلمەمدۇ؟