ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دولانا دەملەپ ئىچىشنىڭ پايدىلىرىنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:19

نۇرغۇن كىشىلەر دولانا قېقىنى چاي دەملەپ ئىچىدۇ، دولانا چېيى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بۇنى بىر مەزگىل ئىچكەندىن كېيىن، قاندىكى ماي مىقدارى تۆۋەنلىمەكتە يوق، ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

دولانا تەركىبىدىكى فلاۋون ۋە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىنلار ئەركىن رادىكاللارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. دولانا سەل ئىسسىق بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تاماق سىڭدۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ رەڭگىرويىنى تەڭشەپلا قالماي، يەنە ئورۇقلىتىش رولىغا ئىگە. دولانانى دەملەپ ئىچكەندىن كېيىن قاننى جانلاندۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئورۇقلىتىش ۋە تولغاق توختىتىش رولىغا ئىگە.

دولانا چېيى ئىچىش ھەقىقەتەن قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە يېزىلغان «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى» دا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بار. لېكىن دولانا ئالدى بىلەن تاماق سىڭدۈرىدۇ، خەلق ئارىسىدا مەيلى كىچىك بالا بولسۇن ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسۇن، ھەممىسى ئىزچىل تۈردە دولانا يېيىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە.

جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدە دولانا ناھايىتى كۈچلۈك ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە ئاچ قورساق دولانا چېيى ئىچسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قايتىلانما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، قايتىلانما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بار بىمارلار ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. دولانا چېيى ئىچىش ئارقىلىق قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ. ھەر كۈنى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئاندىن قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينىغىلى بولىدۇ. ئەگەر دولانا چېيىغا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان پونۇس ئۇرۇقى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى قامچىئوت قوشۇلسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان دولانا 25 گىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دولانا دەملەپ ئىچىشنىڭ پايدىلىرىنى بىلەمسىز؟

نۇرغۇن كىشىلەر دولانا قېقىنى چاي دەملەپ ئىچىدۇ، دولانا چېيى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ئويلايدۇ.