ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاچ ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:10

ئاق چاچ ئەمدى ياشانغانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بۇ يامان ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولالايدۇ! ئەمما ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېلىشىغا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ناچار ئادەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا ئەگىشىپ، ئاق چاچ تەن ساغلاملىقىدىن خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئەمەلىيەتتە بۇنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

چاچنى بۆرەكتە ئېچىلغان گۈل دېيىشكە بولىدۇ، چاچلىرى قاپقارا، پارقىراق بولۇش ئۈچۈن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشتىن باشلاش كېرەك، تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىكتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

1. ئالقات

ئالقات مۇزەككەرنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئاق چاچنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

2. ياڭاق

ياڭاق تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن B ۋە ئاقسىل بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇڭا چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە تېرىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

3. قىزىل تۇرۇپ

قىزىل تۇرۇپ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى كاروتىن ۋە ۋىتامىنلار بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچتىكى قارا پىگمېنتنىڭ ھەرىكىتىنى ساقلايدۇ.

4. كەرەپشە

كەرەپشىنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئادەتتىكى كۆكتات، مېۋىلەردىن بىر ھەسسە كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىتامىن C تەركىبى مول بولۇپ، چاچنى تېخىمۇ قاپقارا ھەم پارقىراق قىلىپلا قالماي، تېرىنى نەمخۇش قىلىدۇ.

5. قارا كۈنجۈت

قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ياغ كىسلاتاسى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، چاچنى ئاسراپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئاق چاچنى ياخشىلايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاچ ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ئاق چاچ ئەمدى ياشانغانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بۇ يامان ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولالايدۇ!