ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېسىۋېلەكنىڭ بۇنچە كۆپ كارامىتى بارلىقىنى كىم ئويلاپ باققان؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 16:20

يېسىۋېلەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى باھاسى ئەرزان كۆكتات بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئاساسلىق قورۇمىلارنىڭ بىرى. خەلق ئارىسىدا «يۈز خىل سەي يېگەندىن يېسىۋېلەك يېگەن ياخشى» دېگەن گەپ بار.

يېسىۋېلەكنىڭ دورىلىق قىممىتى

يېسىۋېلەك كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىنغاندىن باشقا يەنە دورىلىق قىممىتى بار. يېسىۋېلەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدە قەنت، ياغ، ئاقسىل، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، تىئامىن، نىكوتىنىك كىسلاتادىن باشقا، ۋىتامىن C، رىبوفلاۋىننىڭ مىقدارى ئالما، نەشپۈتتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش ھەسسە، تۆت ھەسسە يۇقىرى؛ مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنكنىڭ مىقدارى گۆشنىڭكىدىن يۇقىرى ھەمدە تەركىبىدە نىترىت ئامىننىڭ سۈمۈرۈشىنى چەكلەيدىغان مولىبدېن بار.

يېسىۋېلەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان بۇزۇلۇش، چىش مىلىكى قاناش، تۈرلۈك جىددىي، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېسىۋېلەك تەركىبىدىكى تالا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ تەرەتنىڭ بەدەندىكى ساقلىنىش ۋاقتىنى ئازايتىپ، ھەزىم قىلىش ۋە چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىپ، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كۆپ خىل ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يېسىۋېلەك تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ئادەم بەدىنىنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. تېخىمۇ ئاساسلىقى يېسىۋېلەك تەركىبىدە يەنە ئاز مىقداردا مولىبدېن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئامىننىڭ ھاسىل بولۇشى، سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. يېسىۋېلەك تەركىبىدە ناترىي ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئورگانىزمدا ئارتۇقچە سۇ ساقلىنىپ قالمايدۇ، بۇ يۈرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ۋە سېمىز كىشىلەر يېسىۋېلەكنى كۆپ يېسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇنىڭ تەبىئىتى سەل سوغۇق، زەھەرسىز بولۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سۈيدۈكنى، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىسسىقنى پەسەيتىپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

زۇكام، قىزىش، ئۇسساش، يۆتىلىش، تاماق يىغىلىپ قېلىش، قەۋزىيەت، ئۈششۈك يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. قىسقىسى، يېسىۋېلەك ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان، قاننى تازىلايدىغان، ئاشقازان-ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدىغان، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئېسىل كۆكتات.

يېسىۋېلەكنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى

1. ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەك ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى ياخشى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. چۈنكى يېسىۋېلەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۇنىڭ ئورۇقلاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

2. كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدە كالتسىي مول بولۇپ، بىر ئىستاكان پىشقان يېسىۋېلەك شەربىتى بەدەننى بىر ئىستاكان سۈتكە ئوخشاش كالتسىي بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەزىلەر سۈت ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنداقلا يېتەرلىك مىقداردا يېسىۋېلەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كالتسىيغا ئېرىشسە بولىدۇ.

3. قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئۈنۈمى

دائىم يېسىۋېلەك يەپ بەرگەندە قان تومۇرلىرىمىزنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يېسىۋېلەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ياغ بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، خولىستىرىننىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېتابولىزم ماددىسىنىڭ خولىك كىسلاتاسىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.

4. تېرىنى سىلىقلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن بار، بۇ پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، پەمىدۇر، قوغۇن-تاۋۇز تۈرىدىكىلەرنىڭكىدىن كۆپ، يەنە مول ۋىتامىن C بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە ۋە پىگمېنتلارنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى پارقىرىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، تېرىنى ئاسرايدۇ ھەم ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ.

5. دانىخورەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمى

دانىخورەك ئىزچىل كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە، ئەمەلىيەتتە يېسىۋېلەك دانىخورەكنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. يېسىۋېلەك يۈز چاپلىقىنى ياساش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي : يېڭى يېسىۋىلەك يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇق كۆكتات تاختىسىغا تەكشى يېيىتىپ، نوغۇچ بىلەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك بېسىپ، يوپۇرماقنى تورسىمان ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن يۈزگە چاپلاپ، ھەر 10 مىنۇتتا بىر تال يېسىۋېلەك يوپۇرمىقىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ تال ئالماشتۇرۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قىلىمىز.

6. راكقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بەدەندە بىر خىل «پروپىئونىك كىسلاتا تورمۇزلىغۇچى ماددا» نى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خىل ماددا راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يىرىك تالا چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ئۈچەي ئىچكى زەھىرىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئاشۇرۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

7. ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېسىۋېلەك تەركىبىدە مول تالا بار. ئىلگىرى ئۇنى كېرەكسىز نەرسە دەپ قارىغانىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى. چۈنكى، ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ چايناش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاپ، چىشنى چېنىقتۇرۇپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىۋاسىتە رول ئوينايدۇ.

8. ئۆپكىنى تازىلاپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەكنىڭ يەنە تېرىنى سىلىقلاپ ئۆپكىنى تازىلاش رولى بار، شۇڭا ئۆپكىنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىمارلار يېسىۋېلەكنى كۆپرەك يەپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئۆپكىنى تازىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا يۆتەلنىڭ ئالامەتلىرىمۇ مۇۋاپىق يېنىكلەيدۇ.

9. ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى

يېسىۋېلەكنىڭ يەنە ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولى بار، يېسىۋېلەكنىڭ تەمى تاتلىق، دائىم يېسىۋېلەك يەيدىغانلار قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، زۇكامنى داۋالىغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يېسىۋېلەكنى يېمەكلىك ماتېرىيالى قىلىپ ئىستېمال قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دورا ماتېرىيالى قىلىپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، يېسىۋېلەك يىلتىزىغا زەنجىۋىل، قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يېسىۋېلەك بىلەن يەنە ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۇ بىر خىل ئاجايىپ يېمەكلىك.

10. ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، يېسىۋېلەك تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ يىرىك تالا بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېسىۋېلەكنىڭ بۇنچە كۆپ كارامىتى بارلىقىنى كىم ئويلاپ باققان؟

يېسىۋېلەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى باھاسى ئەرزان كۆكتات بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئاساسلىق قورۇمىلارنىڭ بىرى. خەلق ئارىسىدا «يۈز خىل سەي يېگەندىن يېسىۋېلەك يېگەن ياخشى» دېگەن گەپ بار.