ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرنىقىڭىزدا بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە پەخەس بولۇڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 09:23

تىرناق يايى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟

سالامەتلىك ئەھۋالىدا تىرناق يايىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ياكى چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراش كېرەك. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تىرنىقىدا ئازدۇر-كۆپتۇر بىر پارچە ئاق رەڭلىك ئورغاقسىمان رايوننى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تىرناقنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى تەبىئىي ھادىسىدۇر.

تىرناق يايىنىڭ مىقدارى، چوڭ-كىچىلىكى سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تىرناق يايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئاز-كۆپلۈكىنى يەككە پەرق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى تىرناق يايىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ئەگەر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تىرناق يايىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولسا، مەسىلەن، تۇيۇقسىز چوڭىيىپ، كىچىكلەپ كەتسە ياكى يوقاپ كەتسە، يەنە پەيدا بولسا، ھوشيار بولۇش كېرەك. بۇنداق جىددىي ئۆزگىرىش ئادەتتە قالقانسىمان بەزدىن مەسىلە چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

تىرناق يايىنىڭ چوڭىيىش ۋە كۆپىيىشى: بۇ مېتابولىزمنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛

تىرناق يايىنىڭ كىچىكلىشى ۋە يوقىلىشى: مېتابولىزمنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ چاغدا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ياشنىڭ چوڭىيىشى ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا تىرناق يايىنى ئازلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا يوقىتىۋېتىدۇ. بىراق، ئەگەر چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسا، ئادەتتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.



ئەگەر تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك غەيرىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە دىققەت قىلىڭ:

1. تىرناق ئولتۇرۇشۇش.

بۇ تىرناقنىڭ سىرتقى زەخمىگە ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىم ئېغىر كېسەللىكلەرگە يەنى دىيابېت، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى، سىنىك كەملىكىنىڭ ئىپادىسى.

2. تىرناق قېلىنلىشىش

ئەگەر تىرناق قوپال، قېلىن بولۇپ، بۇزۇلۇپ، كۈلرەڭ سېرىق، كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنسە ياكى كېپەكلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى، يەنى تىرناق تەمرەتكىسى بولۇشى مۇمكىن.

3. تىرناق چۈشۈپ كېتىش

بەزى كېسەللىكلەرمۇ تىرناقنىڭ ئاستىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سويۇلغان تىرناق دائىم ئاقىرىپ، سارغىيىپ، يېشىل بولۇپ، سۈزۈك بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن، ئەتراپتىكى قان ئايلىنىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

4. تىرناقتا يىڭنە سانجىلغاندەك ئولتۇرۇشۇشنىڭ كۆرۈلۈشى

تىرناقنىڭ سىرتقى يۈزىدە يىڭنە سانجىلغاندەك كىچىك ئويمان پەيدا بولسا، بۇ كۆپىنچە جاھىل تەمرەتكە (يەنى تەڭگە تەمرەتكە)نىڭ بىر خىل قىسمەن ئىپادىسى.



5. تىرناق چۈرۈكلىشىش.

ئەگەر تىرناق نېپىز، چۈرۈك بولۇپ ئاسان ئۈزۈلۈپ كەتسە، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە قىسمەن زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. تىرناق سارغىيىش

ئەگەر تىرناق سارغىيىپ، قېلىنلاپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈشى ئاستا بولسا، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكىگە مەسىلەن، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، لىمفا سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.


تىرنىقىڭىزنى ئاسراشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ:

1. تىرناق ياساش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،

2. تىرناق ئالغۇچنى ئەڭ ياخشىسى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك،

3. توختىماي ساختا تىرناق ياساتماسلىق،

4. تىرناقنىڭ ئەتراپىدىكى مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىنى دائىم كەسمەسلىك،

5. تىرناققىمۇ نەملىكنى ساقلاش مەلھىمى سۈرۈش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرنىقىڭىزدا بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە پەخەس بولۇڭ

تىرناق يايى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟