ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنى يېگەنسېرى بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئاشىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 20:38

سىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بارمۇ‎؟
بېشىڭىز قېيىپ، ئۇيقىڭىز كېلىپلا تۇرامدۇ‎؟ چوڭ تەرىتىڭىز يېپىشقاق ھەم راۋانسىزمۇ‎؟ چىرايىڭىز سارغىيىپ، تاتىراڭغۇمۇ‎‎‎؟ تىلىڭىز گەز باغلاپ، سۇس قىزىل رەڭدىمۇ‎؟ يۈزىڭىزگە دائىم سۇلۇق قاپارتما، ھۆل تەمرەتكە چىقامدۇ‎؟
ئەگەر يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىلىرى بەدىنىڭىزدە كۆرۈلگەن بولسا بەدىنىڭىزنى ھۆللۈك قاپلىغان بولۇپ، دىققەت قىلىڭ.
ھۆللۈك تاشقى ۋە ئىچكى دەپ ئايرىلىدۇ:
تاشقى ھۆللۈك كۆپىنچە ھاۋا كىلىماتىنىڭ نەم بولۇشى، سوغۇق يەردە كۆپ ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ساقلانسا بولىدۇ، مەسىلەن: يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئىشىك-دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاپ، سىرتقا ئاز چىقىش؛ يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەكلەرنى قۇرۇتۇپ ئاندىن ئىشلىتىش؛ ئورمانلىق ياكى سۇ بويى قاتارلىق نەم جايلارغا بېرىپ ئوينىماسلىق، نەملىكنى يوقىتىش ماشىنىسى ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ۋاقتىدا ئېچىپ نەملىكنى يوقىتىش كېرەك.
ئىچكى ھۆللۈكنىڭ پەيدا بولۇشى تال ۋە ئاشقازاننىڭ توشۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ۋە زىيادە كۆپ يېيىشتىن پەيدا بولىدۇ. ئىچكى نەملىكنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئېغىز باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىمكانقەدەر بەزى ئاسان ھۆللۈك ۋە بەلغەم پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېسە بەدەننىڭ ھۆللۈكى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ:
1. قەنت مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر. بولۇپمۇ ئەنبەھ، ئاناناس، دۇريان قاتارلىقلارنىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يېگەندە دىققەت قىلىش كېرەك. كىراخمال مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرمۇ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ.
2. سوغۇق ئىچىملىك، خام مېۋە ۋە كۆكتاتلار
3. مايدا قورۇلغان قاقلانغان يېمەكلىكلەر
4. ئاچچىق يېمەكلىكلەر
5. سوغۇق تەبىئەتلىك چاي
بۇ ئادەتلەر بەدەن ھۆللۈكىنى ئاشۇرىدۇ:
1. ئۇيقۇغا قانماسلىق. كۈندە توققۇزدىن بۇرۇن ئۇخلاپ، ئازراق ھەرىكەت ئىشلىگەندە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2. ھەرىكەت ئاز بولۇش. مۇۋاپىق چېنىقىش مەسىلەن يۈگۈرۈش، پىيادە مېڭىش سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەشنى تېزلىتىدۇ.
3. كۆپ ئولتۇرۇش. مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
4. شامال ئۆتۈشمەسلىك. پولدا بىۋاستە ئولتۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھىم ئېتىلگەن ئۆيدە ئولتۇرۇش قاتارلىقلارمۇ ھۆللۈكنى ئاشۇرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنى يېگەنسېرى بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئاشىدۇ

بېشىڭىز قېيىپ، ئۇيقىڭىز كېلىپلا تۇرامدۇ‎؟ چوڭ تەرىتىڭىز يېپىشقاق ھەم راۋانسىزمۇ‎؟ چىرايىڭىز سارغىيىپ، تاتىراڭغۇمۇ‎‎‎؟ تىلىڭىز گەز باغلاپ، سۇس قىزىل رەڭدىمۇ‎؟ يۈزىڭىزگە دائىم سۇلۇق قاپارتما، ھۆل تەمرەتكە چىقامدۇ‎؟