ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قان تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بۇ كۆكتاتلارنى ئاڭلىغانمۇسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:04

1. پەمىدۇر
قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەمىدۇر يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. پەمىدۇردىكى ۋىتامىن مىقدارى مول بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ئەركىن رادىكالغا ئوخشاش بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى يوقىتىدۇ.
2. سەۋزە
قان-تومۇرلار قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سەۋزە يەنە سىمابنى ھەيدەيدىغان ئۈنۈملۈك يېمەكلىك، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى قاندىكى سىماب ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم توكسىننى ھەيدەيدۇ.
3. كىچىك يېسسىۋىلەك
خولېستېرىننى خورىتىپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. كىچىك يېسسىۋېلەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ياغ بىلەن بىرىكىپ، خولېستېرىن شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆت كىسلاتاسىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ.
4. چېچەكسەي
قان-تومۇرنى تازىلايدۇ. زۇكامغا ئوخشاش نەپەسلىنىش يولى كېسەللىكلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C مول بولۇپ، مىنېرال ماددا كالىي، كالتسىي، سېلىن قاتارلىقلار بار، كۆپ يېگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بىر نەچچە خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
5. تەكىيە كاۋا
ئارتېرىيە قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەكىيە كاۋىنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق ۋە ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. دائىم تەكىيە كاۋا يەپ بەرسە، بەدەندىكى ياغ مىقدارىنى ئازايتىپلا قالماي، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. كۆممىقوناق
ئارتېرىيە قان-تومۇرلىرىنى يۇمشىتىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدە ياغ مول، شۇنداقلا تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، بولۇپمۇ لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %60تىن ئاشىدۇ. كۆممىقوناق خولېستېرىننىڭ قان-تومۇرلاردا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە قان-تومۇرلىرىنى يۇمشىتىدۇ.
7. پىدىگەن
پېدىگەننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن P مول بولۇپ، ئۇ بىر خىل فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمە ماددا بولۇپ، قان- تومۇرلارنى يۇمشىتىش رولى بار، يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قىل قان-تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قىل قان-تومۇرلار قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار.
8. لامنارىيە
لامنارىيە تەركىبىدىكى تاغ يۈسۈنىدا پولىساخارىدى، كۇنبۇرىنلار مول بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە خولېستېرىن ۋە ياغ ئاقسىلىنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى تىزگىنلەش رولى بار.
لامنارىيە تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يەنە يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9. خاسىڭ
خاسىڭ مېغىزىنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ قان-تومۇر دىۋارىنى تازىلاش رولى بار، يەنە قان-تومۇرلارنى يۇمشىتىش، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماينى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
خاسىڭنىڭ تەركىبىدە ئاكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئاق لويلا ئالكوھولى بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قان تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بۇ كۆكتاتلارنى ئاڭلىغانمۇسىز؟

قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەمىدۇر يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.