ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەدەن چېنىقتۇرغان بىلەن چېنىقتۇرمىغاننىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-30 09:43

كۆپلىگەن كىشىلەر ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەمنى سەمىرتىۋېتىدىغىنىنى بىلىدۇ، ئەمما مەززىلىك تائامنى تېتىغان ئاشۇ دەقىقىدە ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا كۆپىنچە ھاللاردا ھوزۇرلىنىشنى تاللايدۇ، ئەمما ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى تاللىشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. بەزى كىشىلەر ئېسىل يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆزىگە قويغان تەلەپتىن ۋاز كېچىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا گۈزەل فىگورىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى تاللايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ھاياتلىق كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تاللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.


گۈزەل بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ كىشىنىڭ باشقىلاردىن بەكرەك ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق ئادەم ھەرخىل مەززىلىك غىزالاردىن ۋاز كېچىدۇ، شۇنداقلا يەنە بارلىق ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ياكى قويماسلىق ئوخشىمىغان فىگۇرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، فىگۇرىنى ياخشى ساقلاپ قالالىغان ئادەم تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ۋاز كەچمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى. كۆپلىگەن سېمىز كىشىلەر ئورۇقلاشنى تاللايدۇ، ئەمما ھەقىقىي ئورۇقلايدىغان كىشىلەر پەقەت ساناقلىقلا، چۈنكى ھورۇنلۇق ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى مەغلۇپ قىلىۋېتىدۇ، داۋاملىق ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.


مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاشتىكى ئاساسلىق سىر تاماقنى ئازايتىش ياكى ئورۇقلىتىش دورىسى ئىستېمال قىلىش بولماستىن، ئەكسىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بىر يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا يول بويىغا جايلاشقان ھەرخىل ئاشخانىلار، قەھۋەخانا، غەربچە تاماقخانا، تېز تاماقخانا، تۇخۇم پوشكىلى، ھامبۇرگ بولكىسى، پىسا قاتلىمىسى، مۇز قايماق قاتارلىقلارنى كۆرگىنىڭىزدە، سىز ئېغىزىڭىزنى كونترول قىلالامسىز؟ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىملىرى ئالدىدا سىز توختىماستىن نەرسە كېرەك يەپ بېسىمنى يەڭگىللەتمەستىن، ئەكسىچە تۇرمۇش بېسىمىنى بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرالامسىز؟

ناھايىتى تېز بولغان تۇرمۇش رېتىمىدا سىز ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بەدەن چېنىقتۇرالامسىز؟

ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە قويماسلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە چېنىقتۇرماسلىققا قىسقا ۋاقىتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى خىل قىلمىشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئانچە چوڭ پەرقى يوق، ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن سىز شۇنى بايقايسىزكى، ئىككى خىل تاللاش پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئىككى خىل ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.



ئالدى بىلەن ئىككى خىل تاللاش ئوخشىمىغان ئىككى خىل فىگۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلمايدىغان ئادەمنىڭ بەدەن شەكلى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ سەمىرىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە ئۆزىنى ياخشى كونترول قىلالايدىغان ئادەم گۈزەل فىگۇرىنى ساقلاپ قالىدۇ.



ئۇنىڭدىن قالسا بۇ ئىككى خىل ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسىدا پەرق شەكىللىنىدۇ. ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ھەرىكەت ئادىتى بىلەن بىرلەشسە، ئادەمنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ، ياشلىقتىكى جۇشقۇنلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەگەر ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلماي بولۇشىغا قويۇۋەتسە، 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، دائىم ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەيدۇ، بىر نەچچە قەدەم يۈگۈرسىلا ھاسىرەپ ھۆمۈدەپ كېتىدۇ، پەلەمپەيدىن چىقىشتا بارا-بارا قىينىلىدۇ.



ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى پەرقلىق بولىدۇ. قېرىش بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرى ئاستا-ئاستا ئارقىغا چېكىنىپ، كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا قاتراش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قىزىپ قالىدۇ. ئەمما ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ساغلام تۇرىدۇ، ئاسان كېسەل بولمايدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەردىن كۈچلۈك بولىدۇ.



ئاخىرىدا بۇ ئىككى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىدە پەرق بولىدۇ. يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تولۇپ تاشىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلمىغان-دە! بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سىز تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ھەر خىل شەكىلسىز بېسىمنىڭ ئۆزىڭىزنى قاتتىق بېسىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، نەتىجىدە كۆزىڭىز بارا-بارا بۇ دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى كۆرەلمەيدۇ، پاسسىپ كەيپىيات بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بىراق دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەر تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھەرىكەت ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، نەتىجىدە پاسسىپ كەيپىياتلار يوقىلىپ ئاكتىپ روھىي ھالەت ئۇلارنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدۇرىدۇ.



ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سىز ئۇزۇن مەزگىل بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان، ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ۋاز كېچىپ، ساغلام يېمەك ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ فىگۇرىنىڭ باشقىلاردىن گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، روھىي ھالىتىنىڭمۇ باشقىلاردىن ياخشىلىقى، بەدەن ساپاسىنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن، ھۆسن جامالىنىڭ باشقىلاردىن چىرايلىق تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.



ئۇزۇن مەزگىل بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەردە ھەرىكەت ئۇلارنىڭ ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاجرىتىپ چىقارغان تەر بەدەندىكى زەھەرنى تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، تېرىسى نىسبەتەن ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، باشقىلارغا قارىغاندا ياش كۆرۈنىدۇ. يىللار داۋاملىق ئۆتىۋەرسىمۇ، گۈزەل ھۆسن جامالىنى ساقلاپ، بارغانسېرى ئىشەنچكە تولىدۇ، بۇ خىل روھىي ھالەتكە بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ھەسەت قىلىش پۇرسىتى بار، ئەمما ئېرىشەلمەيدۇ، خالاس.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەدەن چېنىقتۇرغان بىلەن چېنىقتۇرمىغاننىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى

كۆپلىگەن كىشىلەر ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەمنى سەمىرتىۋېتىدىغىنىنى بىلىدۇ، ئەمما مەززىلىك تائامنى تېتىغان ئاشۇ دەقىقىدە ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.