ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوۋاقلارنىڭ چىشىنى ئاسراشتا كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-24 00:16

بىر تال سۈت چىش بالىنىڭ ئاغزىدا 6 ~ 10 يىل تۇرىدۇ، بۇ مەزگىلدە چىشنى ياخشى ئاسرىمىسا قۇرت يېگەن چىش بوۋاقنى ئاغرىتىپ يىغلىتىۋېتىدۇ، تاماق يېيەلمەيدۇ، يەنە چايناش بىئارام بولۇپ، بوۋاقنىڭ كېيىنكى چىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە چىرايىغا تەسىر يېتىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشى ئېلىپ بېرىش كېرەك:

0 ~ 6 ئايلىق بولغاندا بوۋاققا چىش چىقىشتىن بۇرۇن، ھەر قېتىم ئېمىتكەندىن كېيىن پاكىز داكا ياكى چىش چوتكىسىنى سۇغا چىلاپ، بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى يېنىك سۈرتۈپ، قالدۇق سۈتنى تازىلاش كېرەك.

چۈنكى گەرچە بۇ ۋاقىتتا كىچىك سۈت چىشنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بوۋاق تۇغۇلغاندىلا چىش مىلىكىنىڭ بىر قىسمى يېتىلىپ بولغان بولىدۇ.

بوۋاققا تۇنجى سۈت چىش چىققاندا ئانىلار تازىلاش ئەسۋابلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلار چىش چوتكىسى ياكى بالىلارنىڭ فتورلۇق چىش پاستىسى بىلەن بوۋاقنىڭ كىچىك چىشىنى تازىلاش كېرەك.

لېكىن بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلاش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس! يا يىغلاپ ئۇنىمايدۇ، يا ئاندا-ساندا ماسلىشىدۇ لېكىن سەۋرچان بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنىڭ چىشىنى ئاسراش، بوۋاقنى چىش چوتكىلاشقا ئامراق قىلىش، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有