ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىمون سۈيى ئىچىشنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرساق، بەدىنىمىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-29 22:10

نۇرغۇن دوستلار لىمون سۈيى ئېچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ، ئورۇقلىغىلى، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ھەتتا ئۈچ يۇقىرىغا ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەئەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.



ئۇنداقتا لىمون سۈيى ئىچىشنىڭ زادى قانداق پايدىسى باردۇر؟

بىرىنچىدىن، بەدەنگە سۇ تولۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك ئىچىملىك سۇ مىقدارى 2000 ~ 1500 مىللىلىتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمى ھەردائىم سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سۇنى پەقەت ئۇسسىغاندىلا بىرنەچچە يۇتۇم ئېچىپ قويماي، بەلكى ھەر 1 ~ 2 سائەتتە 100 ~ 200 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچىدىن، لىمون سۈيى ئىچىش تىنىقىمىزنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

ئادەتتە، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئېچىدىغان دوستلار مۇۋاپىق مىقداردا لىمون سۈيى ئىچسە بولىدۇ. لىمون تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى مول بولۇپ، لىمون سۈيى ئىچىپلا بەدەنگە كالىي تولۇقلىغىلىمۇ بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، لىموننىڭ ئۈنۈمىنى ئۇنداق ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. گەرچە لىمون ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئالمىشىشنى تېزلىتىشكە مەنپەئەت قىلسىمۇ، بىراق ئورۇقلىتىشتىكى ئۈنۈمى ئۇنچىۋالا كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئەگەر لىمون سۈيىنى زىيادە كۆپ ئىچىۋەتسەك، ئىچىمىز قىزىپ، ئاشقازان-ئۈچەيلىرىمىز بىئارام بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى بۆرەك-يۈرەكنىڭ مېتابولىزمىدا مەسىلە بار، بۆرەك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان دوستلارنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن لىمون سۈيى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولمىسا كېچىدە ھاجەتكە چېقىش قېتىم سانى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىمون سۈيى ئىچىشنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرساق، بەدىنىمىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر؟

نۇرغۇن دوستلار لىمون سۈيى ئېچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ، ئورۇقلىغىلى، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ھەتتا ئۈچ يۇقىرىغا ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەئەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.